تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا 23- نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر سەھىپىسىدە تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنا تەتقىقاتى ھەققىدە خۇش خەۋەر ئۇچۇرى يوللاپ، ۋاكسىنىنىڭ ئادەمگە قىلىنغان دەسلەپكى سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ۋاكسىنا تۈركىيە سەھىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىق قىلىپ ياسالغان. خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنىنىڭ 1- باسقۇچلۇق بىۋاسىتە ئادەمگە ئەملەنگەن سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، 44 پىدائىيغا سىناق قىلىنغان. سىناق قىلىنغۇچىلاردا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئەكس تەسىر كۆرۈلمىگەن.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككىنچى قېتىملىق ئادەم بەدىنىگە قىلىنىدىغان سىناق 26-نويابىردىن 14-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ قېتىملىق سىناققا يەنە 15 پىدائىي سىناق قىلىنىشنى كۈتمەكتە ئىكەن.