ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دەردىنى تۆكىدىغان ۋاسىتە بولماقتا

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈركۈملەپ ئۆلتۈرۈلۈپ ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقىتىلىپ، سانسىزلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولماقتا. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئالسىمۇ، جەسىتىنى ئالالمايدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەكتە. ھالبۇكى، قاتمۇقات چەكلىمىلەر بىلەن قاپلانغان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ئازغىنە ئىمكانىيەت ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلىمىنى ئۇقتۇرىدىغان بىردىنبىر ۋاسىتە بولماقتا.

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاق ياغلىق ئارتىۋېلىپ، ئۈنسىز يىغلاۋاتقان، كۆز يېشى قىلىۋاتقان، بەزى ياشلارنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرغان قايغۇلۇق كۆرۈنۈشلەر تارقالماقتا.

گەرچە خىتاي جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئاتالمىش «تەربىيەلەنگەنلەر»نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۆرۈنۈشلەر ئەمەلىيەتنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 3289 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2020 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق