تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىر نەچچە دۆلەت ئەلچىلىرىگە نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە مىللىي گېزىت تورىنىڭ 23-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە لىۋىيە دېڭىز ياقىسىدا تۈركىيە پاراخوتىنىڭ قانۇنسىز تەكشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ باش ئەلچىلىرىگە نوتا تاپشۇرغان.

خەۋەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە پاراخوتىنى قانۇنسىز تەكشۈرۈش قىلمىشىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىتالىيە باش ئەلچىلىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ ۋەكىللىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1005 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2020 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق