فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇس سەۋەبلىك شاڭخەي پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمىدىكى %40 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
خەۋەر قەيت قىلىنىشىچە، 9-نويابىر شاڭخەيدە يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن بۇيان، پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمىدا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ سانى 969 بولۇپ، 22-نويابىرغا كەلگەندە قاتتىق تەكشۈرۈش سەۋەبلىك 749 گە چۈشۈپ ، تەخمىنەن %25 تۆۋەنلىگەن. 23-نويابىر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمى 347 قېتىملىق ئۇچۇپ كىرىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 299 قېتىملىق سىرتقا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇش نىسبىتى تەخمىنەن %40كە يەتكەن.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شاڭخەي پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمنىڭ پۈتۈنلەي قامال قىلىنىپ، تەخمىنەن 14 مىڭ كىشىنىڭ تەكشۈرۈلۈش ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىنغانلىقى، ئايرودۇرۇمدىن چىقىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا يۈك توشۇش بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان بىر ئەر خىزمەتچىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەب بولغان. بۇلاردىن سىرت، شاڭخەيدىكى جەنۇبىي ۋوگزالنىڭمۇ تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
گەرچە پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمى يېقىندا بايقالغان يۇقۇمنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈك تىرانسپورتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە يولۇچىلار لىنىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن يولۇچىلار پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇش لىنىيەسىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن. پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمى خىتايدىكى ئىككىنچى چوڭ يولۇچىلار ئايرودۇرۇمى بولۇپ، 2019-يىلى يولۇچى توشۇش مىقدارى 76 مىليونغا يەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 22-نويابىرغىچە شاڭخەيدىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقان 59 يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن.