كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ياردەم خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيەدە خەلقىمىز ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۆ ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 21-نويابىر ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارغا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە نەق پۇل تارقىتىپ بەردى.

بۇ قېتىملىق ياردەمدە قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارغا مىڭ قۇتا مېۋە سۈيى، 600 كىلو سۈت ۋە قېتىق، 500 خالتا ئۇن، 550 قۇتا بەش كىلوگىراملىق ياغ، 400 بولاق تۇخۇم، 600 كىلوگىرام ھەر خىل يېمەكلىك، 500 يېشىك تۈرلۈك تازىلىق بۇيۇمى، 750 كىلوگىرام زەيتۇن، 100 تال ئەدىيال قاتارلىق بۇيۇملار تارقىتىلدى.

جەمئىيەت يەنە 42 مىڭ لىرا نەق پۇلنى ئەمگەك كۈچى بولماسلىق سەۋەبلىك ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمەيدىغان ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىق بار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى كۈچەيتمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 5880 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2020 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق