يەنە بىر خەلق سەنئەتكارى ۋاپات بولدى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 23-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقسۆيەر سەنئەتكار، داڭلىق ناخشىچى، ئىستېداتلىق كومپوزىتور مەخمۇت سۇلايمان يوشۇرۇن خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان.

مەخمۇت سۇلايمان 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1981-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘۇﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. 1985-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚمىكىدە ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ئۇ بۇ جەرياندا ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ شۇغۇللىنىپ، «ﺳﺎﻻﻡ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ»، «ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺩﯦﺪﯨﻢ»، «ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯗﻡ» قاتارلىق ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ناخشىلىرى بىلەن خەلققە تونۇلغان. ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان ﻛﯩﻨﻮ-فىلىملەرنىڭ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.

مەخمۇت سۇلايماننىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا مەرھۇمغا بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى ۋە تەزىيەلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئاز بولمىغان سەرخىللار يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز قازا قىلغان بولۇپ، بۇ بىنورمال ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن تەزىيە ئۇچۇرلىرىدىمۇ «ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولسۇن» دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئاق يول بولسۇن، يېرىڭىز گۈزەل بولسۇن» دېگەندەك، ئۇيغۇر خەلقى بۇرۇن مۇسىبەتلىك كۈنلەردە ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغان سۆزلەرنى يېزىشقا مەجبۇر بولغانلىقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قانچىلىك بېسىم ئاستىدا تۇتۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشى سۈپىتىدە دىققەت تارتتى.

بۇ خەۋەر 3117 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2020 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق