گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبىرت ئوبىراين ۋىيېتنام دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زومىگەرلىك قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوبىراين ئامېرىكا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ۋىيېتنامدا ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولغان، ئاندىن 23-نويابىر فىلىپپىننى زىيارەت قىلغان. ئوبىراين زىيارەت داۋامىدا: «بۇ رايوننىڭ ئىمپېرىيە دەۋرىگە قايتىپ كېلىشى ئادالەت ئۈچۈن زىيانلىق... شۇڭلاشقا ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەھدىتى ۋە زۇلۇمىغا ۋە خىتاينىڭ مېكوڭ دەرياسى رايونىدىكى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ» دېگەن.
ئوبىراين زىيارەت جەريانىدا ۋىيېتنامنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە ئورتاق زەربە بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
ئوبىراين بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ۋىيېتنام رەھبەرلىرىگە خىتاينىڭ قانۇنسىز ئېكسپورتنى توختىتىپ، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكا يولغا قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىدىن قېچىش ئۈچۈن، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ۋە ھەربىي تەمىنات قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز ئېكسپورت قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوبىراين يەنە ئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنامنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇنداق بولغاندا ۋىيېتنامنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىپ، ئامېرىكا بىلەن ۋىيېتنام ئوتتۇرىسىدىكى سودا نىسبىتىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىنى، ۋىيېتنامنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا نىسبىتىنىڭ بۇلتۇر 56 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى، بۇ يىل تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.