شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاقىۋىتى (3)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاقىۋىتى (3)

 

چوڭ سۇيىقەست

 

كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)نى مەغلۇپ قىلىپ، خىتاي زېمىنىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىنى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇش كۈنى قىلىپ ئېلان قىلىدۇ.

8-ئاينىڭ 11 كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى دوباشىن رەئىس جۇمھۇر ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەلچىخانىغا چاقىرىپ: «سىز باشلىق ۋەكىللەرنىڭ 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماۋزېدۇڭ (1893-1976) بىلەن ئىستالىن (1878-1953) جانابلىرىنىڭ تەكلىپ ئۇقتۇرۇشلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغايسىز» دەيدۇ ۋە ماڭىدىغان ۋاقىتنىمۇ قوشۇپ قويىدۇ.

1949-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنۇنۇف، دەلىلقان سۇگۇربايوف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئابدۇرېشىت ئىمىنوف، غېنى كېرىموف، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئوسمانجان قاتارلىق يەتتە ۋەكىل ۋە لوجى ئىسىملىك بىر كوممۇنىست خىتاي تەرجىمان، جەمئىي سەككىز كىشى ماشىنا بىلەن سوۋېت چېگراسىدىن ئۆتۈپ، قازاقىستاننىڭ مەركىزى ئالمۇتاغا يېتىپ بارىدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ بىر كېچىدىلا قەيەرگىدۇ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىغان بەزى مەسئۇل خادىملار ۋە خەلق مۆتىۋەرلىرى ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان. بۇ ۋاقىتتا سەيپىدىن ئەزىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا: «ئەخمەت ئەپەندىملەر ئالتايغا خىزمەت تەكشۈرگىلى كەتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر ئالمۇتاغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتىگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان بىر رۇس ۋە بىر نەپەر قازاق ۋەكىل (مۇئەللىپ بۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇنتۇغان) موسكۋادىن ئايروپىلان بىلەن يېتىپ كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ھەشەمەتلىك بىر بىنانىڭ 2-قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ سۆھبەتتە سوۋېت جاسۇسلۇق ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن بىشكەكتىن مەخسۇس ئېلىپ كېلىنگەن ھاكىم جاپپارېۋېچ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر تەرجىمانلىق قىلىدۇ. سۆھبەت باشلىنىدۇ.

رۇس ۋەكىل:

- يېڭى خىتاي رەھبەرلىكى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، بۇ ۋەكىللەر بېيجىڭغا بېرىپ 1-نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتنىشىشى كېرەك. بۇ كېڭەشتە كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىغان مەسىلىلەر ۋە شۇ مەسىلىلەرگە بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە بىر پىكىرگە كېلىۋېلىشىمىز كېرەك. مەن ئۇلۇغ داھىيىمىز يولداش ئىستالىننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى بېجىرىش ۋاكالەتچىسى بولىمەن. شۇ نەرسە بىزگە مەلۇمكى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە خىتاي چېگراسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئاساسىي مەسىلە بولىدۇ. ۋەكىللىرىمىز بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى، مۇناسىۋەتلىرىنى بايان قىلىشى ۋە ناھايەت موسكۋانىڭ پوزىتسىيەسىنى ئاساسىي دەستۇر قىلىشىمىز شەرت ۋە لازىم،- دەيدۇ.

تەرجىمان بۇ سۆزلەرنى بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى ۋە غېنى كېرىموفلار تەرجىمىگە ئېھتىياجى چۈشمىگەن ھالدا بىر نەرسىلەرنى خاتىرىلەپ ئولتۇرىدۇ. ئابدۇكېرىم ئابباسوف قىلىنغان تەرجىمىنى لوجى دېگەن خىتايغا خىتايچە يەتكۈزىدۇ.

رۇس ۋەكىل:

- قېنى يولداش ئەخمەتجان قاسىموف، ئېيتىڭچۇ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى» دېگەن تېزىس ئوتتۇرىغا قويۇلسا، قانداق ئىپادە بىلدۈرىسىز؟

ئەخمەتجان قاسىمى ھۆر، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دەۋاگىرى سۈپىتى بىلەن ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېنىق ۋە ئوچۇق ئىزھار قىلىدۇ:

- شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىشى، بۇ ھوقۇقنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئېتىراپ قىلىشى شەرت.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆزلىرىنىڭ رۇس ۋەكىلگە مۇتلەق ماقۇل چۈشمىگەنلىكىنى ئۇنىڭ قىياپىتىدىن، قولىدىكى قەلىمىنى ئۈستەلگە ئۇرۇپ تۇرۇشىدىن بىلگىلى بولاتتى.

رۇس ۋەكىل ئۆزىنى مەغرۇر تۇتقان ھالدا سۆز باشلايدۇ:

- ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا گىتلېر فاشىزمىنى يانجىپ تاشلىدۇق. خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋە بىزگە جىددىي خەۋپ تۇغدۇرغان ياپون مىلىتارىزمىنى تەسلىم قىلدۇردۇق. يېڭى خىتاينىڭ ئازادلىقى ۋە پۈتۈنلۈكى ھازىرقى دەۋرنىڭ ئەڭ زور تەلىپىدۇر. تارىختا «شىنجاڭ غەربىي ئۆلكە، خىتاينىڭ غەربى ئۆلكىسى» دەپ قەيت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. بىز «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى» دەپ ھېسابلايمىز. بۇ ئۆلكىدە مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خورلىغاچقا ئىنقىلاب پارتلىدى. بۇ مىللىي ئىنقىلابقا ئاساسلىق ياردەمنى بىز بەردۇق. بىز ياردەم قىلمىغان بولساق، بۇ ئىنقىلاب غەلىبە قىلالمايتتى. شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئازاد بولدى، 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالاندى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بىزنىڭ ياردىمىمىز ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ. قىسقىسى ئۇيغۇرلار نېمىنى تەلەپ قىلسا، بىز شۇ تەلەپلەرنى تولۇق قاندۇردۇق. كۆپ قان تۆكۈلدى، شۇنداق ئىكەن، «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى» دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ئېتىراز بىلدۈرۈش ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. يېڭى خىتاي شىنجاڭ خەلقلىرىنىڭ بەختىيار كېلەچىكى ئۈچۈن رەھنامە بولغۇسىدۇر.

رۇس ۋەكىلدىن كېيىن قازاق ۋەكىل قوشۇمچە قىلىپ:

- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى تەمىن ئەتكەن سوۋېت خەلقى تىنچ ھاياتقا ئۆتتى. خىتاي ئازادلىق ئۇرۇشىمۇ ئۇزاق داۋام قىلىپ، ئاخىر غەلىبە قىلدى. خىتاي خەلق ھاكىمىيىتى «شىنجاڭ» خەلقىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى قاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك. بۇ دېمەك، «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس غەربىي ئۆلكىسى» دېگەن تۇيغۇنى ئاڭغا سىڭدۈرۈپ، دوستلۇقنى، كۈچەيتىش زۆرۈر دېمەك. خىتاي ئۇلۇغ مىللەت، شۇنداقلا ئاكا مىللەتتۇر.

قازاق رەھبىرىنىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پاك نىيەتلىك پەرزەنتى سۈپىتىدە تونۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى ۋە ئەدەبىياتى ئىككى ئەسىردىن بۇيان سىستېمىلىق ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، خەلقنىڭ ئېتىقادى بوغۇپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە پاكىتلارنى قويۇپ تۇرۇپ، سۆزلەپ كېتىدۇ. دۆلەت بايلىقىنىڭ تالان-تاراج قىلىنغانلىقى، گۇناھسىز دىللارغا تىغ سانجىلغانلىقى، شەپقەتسىز، رەھىمسىز، شەيتان لەئىن قىياپىتىدىكى باسقۇنچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى «شىنجاڭ» (يېڭى تېپىلغان يەر، يېڭى ئۆلكە) دەپ، ئاقىۋەت مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە قايناپ-تېشىپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىزتىراپقا تولغان قەلبىدە مەردانە كۈرەش قىلىش غايىسى مۇستەھكەم ئىدى.

رۇس ۋەكىل ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆزىنى كەسكىن سوئال بىلەن بۆلۈپ تاشلايدۇ:

- سىز «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى ئىستېمالغا كىرگۈزگەن ئىدىڭىزغۇ؟ «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى»نى سىز قۇرغان ئىدىڭىزغۇ؟

ئەخمەتجان قاسىمى:

 - ھە! مەن غۇلجىدىكى سوۋېت باش ئەلچىسى دوباشىننىڭ قەتئىي تەلىپى ۋە بۇيرۇقى بىلەن شۇنداق نام قوللىنىشقا مەجبۇر بولغانمەن. ئەگەر بۇيرۇقنى بىجا كەلتۈرمىسەم، ھاياتىم خەۋپ ئاستىدا قالاتتى. بۇنى مەن چۈشىنىپ يەتكەنمەن. «شىنجاڭ بولسا بولسۇن، لېكىن ۋەتەننىڭ ئازادلىق يولىدىكى غايىۋى نىيەتلىرىم بەربات بولمىسۇن» دېگەن مەقسەتتە «ئىتتىپاق»نى تەشكىللىدىم. شەكىلدە ئەمەس، ئاساسىي مەزمۇندا چوڭ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشتىم.

شۇ دەقىقىدە گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك مۇنۇنۇف قايناپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ:

- شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر بىر پۇقراسىنىڭ غايە، پىكىر ۋە قاراشلىرى ئوخشاشتۇر. ئەنە شۇ «ئىتتىپاق»قا ئۇيۇشقانلار ئەسكەرلەردۇر. بۇ ئىتتىپاق كەلگۈسىدە خەلق ئازادلىق پارتىيەسىگە ئايلانغۇسى. شۇ ۋاقىتتا مىلىتارىست قوماندان زوزۇڭتاڭ تەرىپىدىن قويۇلغان «شىنجاڭ» دېگەن ئىسىم ئۆزلۈكىدىن تارىختىن ئۆچىدۇ.

- بەس!- دەيدۇ موسكۋا ۋەكىلىنىڭ جەھلى قېتىپ،- سەپسەتىۋازلىقنى يىغىشتۇرۇڭلار! شىنجاڭدا مىللىي ئىنقىلابنى بىز باشلاپ بەرگەن، ئۇنىڭ نەتىجىسىنىمۇ بىز چىقىرىمىز. بىزنىڭ پىكىرىمىزگە قارشى چىقىش يوقىلىش دېمەكتۇر. سىز ئەخمەتجان قاسىمى سوۋېت ئىتتىپاقى تەربىيەسىنى كۆرگەن، موسكۋادا مەخسۇس كۇرسنى تاماملىغان. ئۇلۇغۋار مەقسەتلەرگە خىزمەت قىلىش شەرەپ، دەپ قەسەم قىلغانلىقىڭىزنى ئەستىن چىقىرىۋاتىسىز. ھازىرقى ۋەزىيەت سىز ئۈچۈن ھەقىقىي ئىمتىھان، سىناقتۇر.

ئەخمەتجان قاسىمى قەتئىي ۋە دادىللىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ:

- ئىنسان قېتىپ قالىدىغان، بىر مۇقامدا ئىش كۆرىدىغان ماشىنا ئەمەس، سوۋېت تەربىيەسىنى  كۆرگىنىم راست، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بولغانلىقىممۇ راست. مەن بۇنى ھاياتىم تارىخىدىن ئۆچۈرەلمەيمەن. ئۇ ۋاقىتلاردا خاراب بولغان دۆلەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى ئىچىگە چۆككەن ئىدى. پۈتۈن ئەتراپنى قورقۇتۇش، ئىزتىراپ، تەشۋىش، ئۈمىدسىزلىك چۇلغاپ ئالغان ئىدى. ئەمەلدارلاردىن قورقۇش، جاسۇس جاللاتلاردىن قورقۇش، ھاكىمىيەت ۋە تۈزۈمدىن قورقۇش، چەت ئەللىكلەردىن قورقۇش دەھشەت سالاتتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆزلىرىدىكى نۇر، قەلبىدىكى قۇدرەت، تىلىدىكى ئەركىنلىك، دىلىدىكى جۈرئەت، ئېتىقادىدىكى ئىشەنچ سۇنغان ئىدى. مەملىكەت خەلقى ئاللاھدىن باشقا ھېچنەرسىگە ئىشەنمەس ئىدى. مەن شەرقىي تۈركىستانغا قەدەم قويغىنىمدا تارىختا ھېچ كۆرۈلمىگەن پاجىئەلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىشلار، قاتىللىق، سۈرگۈن قىلىشلار ئەۋج ئالغان ئىدى. قەلبىم ئۆرتەندى، غەزەپ-نەپرىتىم قايناپ تاشتى. خەلققە پەقەت ئازادلىق، مۇستەقىللىق كېرەك ئىدىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ مەردانە كۈرەش قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق يول يوق ئىدى. شۇنداق كۈرەش - مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى نىلقىدا پارتلىدى. مىللەتچى خىتاي كۆپلىگەن قوراللىق كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، خەلقنىڭ غەزىپىگە قارشى تۇرالمىدى. مانا بۇ ئىنقىلاب مېنى تەربىيەلىدى، ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. 1947-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن شەھەر-يېزىلىرىنى ئارىلاپ چىقتىم، خەلقنىڭ قەلبىگە قۇلاق سالدىم. ئەسىرلىكنىڭ، زۇلۇمنىڭ پاجىئەلىرى مېنىڭ ئېتىقادىمنىمۇ، چۈشەنچەمنىمۇ تۈپتىن ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. ئۆتمۈشتىكى قاراشلىرىم تۈپتىن ئۆزگىرىپ، ھاياتقا پۈتۈنلەي باشقىچە قاراشقا مەجبۇر بولدۇم. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇلۇغۋار غايىلىك بىر پەرزەنتى بولدۇم. ئەمدىلىكتە بۇ غايىدىن قايتىش خائىنلىقتۇر. گىروزىن شائىرى تاراس شېۋچىنكو «كىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىغا مۇھەببىتى بولمىسا، ئۇنىڭ قەلبى مېيىپ، مېيىپتىنمۇ قاششاقتۇر» دېگەن. بۇ سۆزنى ئەسلەش توغرىدۇر.

رۇس ۋەكىل:

- بەس! ئىسھاقبېك ئىككىڭلار بىلەن ئالاھىدە سۆزلىشىمىز. سىز گېنېرال مايور يولداش دەلىلقان ئېيتىڭچۇ، «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى» دېگەن مەسىلە قويۇلسا، قانداق پىكىردە بولىسىز؟- دەيدۇ.

گېنېرال دەلىلقان:

- مەن ئەخمەتجان قاسىمىنى قوللايمەن. بىزنىڭ غايە-نىيەتلىرىمىز بىر ۋە ئۆزگەرمەستۇر،- دەيدۇ.

- ھىم،- رۇس ۋەكىلنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتكەندەك بولىدۇ،- قېنى كۆرىمىز. يولداش ئابباسوف سىز نېمە دەيسىز؟

- يېڭى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پۈتۈن دۆلەتنى دېموكراتىك ئاساستا قايتا قۇرىدىكەن، شىنجاڭ خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان ھالدا مۇختارىيەت (ئاپتونومىيە) تەمىن ئېتىلسە، ئەينى مۇددىئا بولاتتى،- دەيدۇ ئابباسوف. ئابباسوفنىڭ جاۋابىدىن رۇس ۋەكىلنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم يۈگۈرىدۇ ۋە:

- سىز يولداش لوجى پىكرىڭىزنى بايان قىلسىڭىز؟- دەيدۇ.

- مەن يولداش ئابباسوفنى قۇۋۋەتلەيمەن. شىنجاڭدىكى خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى مەقسىتىمۇ شۇ.

 ماقۇل پىكىر، دەيدۇ رۇس ۋەكىل ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېنىدا نېمىنىدۇر بىر نەرسىلەرنى سومكىسىدىن ئېلىۋاتقان غېنى كېرىموفقا كۆزى چۈشۈپ، تەكەببۇرانە ھالدا:

- سىزنىڭ پىكرىڭىزنىمۇ بىلەيلىچۇ؟- دەيدۇ.

 رۇس ۋەكىل بۇ ئېسىل سۈپەت، كەمسۆز يىگىتنىڭ نامىنى تىلغا ئالماستىن كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇۋالدى. ئۇقۇمۇشلۇق غېنى كېرىموف سالماقلىق بىلەن دانە-دانە سۆزلەپ جاۋاب بېرىدۇ:

- شەرقىي تۈركىستان بەشەرىيەت ئەقىل چەشمىسى كۆز ئاچقان، بۈيۈك ئەللامىلەر ، مۇتەپەككۇرلار، شائىر-يازغۇچىلار، دانىشلار، سەنئەتكارلار، شانۇ-شۆھرەت تاپقان ئەۋلىيالار دۆلىتىدۇر. دۇنيا مەدەنىيىتى تارىخىدا ئۇنىڭ ئورنى ئالاھىدىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى كېرەك. چەتكە بېقىنىپ ياشاش ئەمدى مۇمكىن ئەمەس. ئىجتىمائىي ئاڭ ئويغاندى. مەن ئەخمەتجان قاسىمىنى قوللايمەن.

 رۇس ۋەكىل «بۇ شۇمتەكنى ئەخمەتجان قاسىمى بىھۇدە ئەگەشتۈرۈپ يۈرمىگەن ئىكەن-دە!» دېگەن خىيالغا كېلىپ قالىدۇ. ۋەقەنىڭ ئەھۋالىدىن بىر خۇلاسىگە كەلگەن رۇس ۋەكىل ئابدۇرېشىت ئىمىنوفتىن پىكىر سوراشتىن ۋاز كېچىدۇ. ئۇ ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ جاۋابىدىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمىنى (شۇ قاتاردا ئىسھاقبېك ۋە دەلىلقاننىمۇ) ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ راۋاجىدىن ئارقىدا قالغان، ئۇزاق كەلگۈسىگە قاراپ توغرا خۇلاسە چىقىرالمايدىغان كالتە پەم شەخسلەر سۈپىتىدە ئەيىبلەشكە، ھەتتا ھاقارەتلەشكە ئۆتىدۇ.

- ئاش بەرگەن قازانغا تۈكۈرمەسلىك كېرەك. سوۋېت ئىتتىپاقى جاھاندا بىرىنچى سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت... سىلەر كىم سىلەر؟ بىتايىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئۇسۇل ئوينىغانلار سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇلۇغ داھىيىمىز ئىستالىننىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. بۇ گۇناھنى ھېچقاچان كەچۈرەلمەيمىز. «شىنجاڭ» خەلقى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى يېڭى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەن ئېلىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز بەختىنى تېپىشى كېرەك. بۈيۈك خىتايسىز بەختىيار كېلەچەك بولمايدۇ. سوۋېت، خىتاي دوستلۇقى شۇ مەقسەتلەردە تىكلەنگەن.

رۇس ۋەكىلنىڭ سۆزى تۈگە-تۈگىمەيلا ئەخمەتجان قاسىمى سۆزلەپ كېتىدۇ:

- شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى تارىخىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، مۇستەقىل تەرەققىي قىلىشىنى تەمىنلەش، شانۇ-شۆھرىتىنى تىكلەش، ئەينى ۋاقىتتا سوتسىيالىزم قۇرۇش، بىزنىڭ ئەينى مۇددىئايىمىزدۇر. بۈيۈك خىتايسىز بەختىيار كېلەچەك بولمايدۇ ياكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خىتايسىز نەپەس ئالالمايدۇ، دېيىش لېنىنىزمغا زىت قاراشتۇر. لېنىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىغۇ؟

رۇس ۋەكىلنىڭ جەھلى قېتىپ، ئۈستەلنى ئۇرۇشقا باشلىدى:

- بۈيۈك داھىيىمىز لېنىن: «شەرقتە بۈيۈك خىتاي بىلەن دوست بولماي تۇرۇپ دۇنيا سوتسىيالىزمىنى قۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن. سەنلەر لېنىنىزمنى چالا-بۇلا ئۆگىنىۋېلىپلا چۇقان كۆتۈرۈشىسەن، رېئاللىق بىلەن ھېسابلاشماسلىق لېنىنىزمغا ئېنىقلا زىت، گەپ تامام.

رۇس ۋەكىل ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇياق-بۇياققا مېڭىشقا باشلايدۇ ۋە موسكۋانىڭ سۆزىدىن چىقماسلىققا، موسكۋا بىلەن نەپەس ئېلىشقا چاقىرىدۇ. چاقىرىدۇلا ئەمەس، مەجبۇرلايدۇ. ئەتىگەن سائەت ئوندا باشلانغان سۆھبەت كەچ سائەت ئونغىچە كەسكىن داۋام قىلىدۇ. دوق قىلىشلار، قورقۇتۇشلار، كەمسىتىشلەر ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆز پىكىرىدىن، غايىسىدىن قايتۇرالمايدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق (ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن لوجى يوق) ۋەكىللەر بۇ غەيرىي قانۇنىي سوراقتا قىلچىمۇ چۆچۈمەيدۇ. قانچىلىك مالامەت، قانچىلىك ھاقارەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باشتىن-ئاخىر غايىسىدە دادىل تۇرىدۇ، مۇستەقىللىق دەۋاسىدىن قەتئىيلىك بىلەن ۋاز كەچمەيدۇ.

 

داۋامى بار...

 

- «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەييارلاندى

بۇ خەۋەر 1681 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2020 18:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق