ياپونىيە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى

يېڭى شەپەق تورىنىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى كاتسۇنوبۇ كاتو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلار ھۆرمەت قىلىش ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ياپونىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىغا قارشى بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىغان 39 دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 1030 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2020 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق