خىتاينىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش نىشانلانغان زور كۆلەمدىكى سودا ئىتتىپاقى قۇرۇلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 15-نويابىر خىتاي ۋە باشقا 14 دۆلەت ۋىيېتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا خىتاينىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش نىشانلانغان «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم سىنلىق يىغىن تەرىقىسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىمنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي قاتارلىق 15 دۆلەت ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى (RCEP)» كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ سودا ئىتتىپاقىنى قۇرغان.

مەزكۇر ئىتتىپاق دۇنيادىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇدا سەككىز يىل سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كېلىشىم مەلۇم جەھەتتىن خىتاينىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتىمۇ، خىتاينىڭ خەلقئارا سودا ساھەسىدە يالغۇز قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

مەزكۇر سودا ئىتتىپاق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئون دۆلەتنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خىتاي، كورېيە ۋە ياپونىيەنى، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دونالد تىرامپ 2017-يىلى ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئوباما ھۆكۈمىتىدىن باشقىچە ئىستراتېگىيەنى يولغا قويغان ۋە خىتاي قاتارلىق 15 دۆلەت ئىمزا قويغان بۇ كېلىشىمنى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق دەپ قاراپ، سۆھبەتتىن چېكىنگەن. دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندىستانمۇ ئىلگىرى سۆھبەتكە قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق كېيىن سۆھبەتتىن چېكىنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر كېلىشىمنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشىغا مەلۇم ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ خىتايغا پايدىلىق بولغان بۇ كېلىشىم ئارقىسىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1060 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2020 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق