ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: بايدېن ئاقسارايغا كىرسە، خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشى مۇمكىن

خىتاي گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توشىمىتسۇ 17-نويابىر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا سايلىمى ھەققىدە توختىلىپ، بايدېن ئاقسارايغا كىرگەن تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە ئىنسانىي ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتايغا تىرامپقا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپ يەنىلا قارشىلىشىش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي كىلىمات ئۆزگىرىش، دۇنيا سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان تەقدىردىمۇ، ئىنسانىي ھوقۇق، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ مەسىلىسىدە بايدېن ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 20 يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تۆت ھەسسە ئاشقانلىقىنى، ھەربىي خىراجىتىمۇ يىلسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ياپونىيەنىڭ خىتاينىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق دېڭىز رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى قەتئىي توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 949 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2020 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق