ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى ھەربىي كېلىشىم ئىمزالاش بىلەن تەڭ تۆت دۆلەت بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 17-نويابىر ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئوخشاش كۈندە ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسون ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت، ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ۋە باشقا تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان. ئارقىدىن ئىككى تەرەپ يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرىدىكەن. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسونمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «كېلىشىمدە تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ئاددىي بولغان مەمۇرىي تەرتىپ ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ھەربىي مۇداپىئە پىلانىنى قولاي تەرتىپ بىلەن تەمىنلىدى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە جەنۇبىي دېڭىزدىكى يېقىنقى سەلبىي ئۆزگىرىشلەر ۋە تالاش-تارتىشتىكى ئاراللارنى ھەربىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئېغىر ۋەقەلەرگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىككى تەرەپنىڭ خىتاينىڭ يېقىندا «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى يولغا قويۇپ، خوڭكوڭدىكى قارشى پىكىردىكىلەرگە زەربە بېرىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە يەنە بىر قاتار لايىھەنى بىرلىكتە تەييارلاشقا قوشۇلغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ياپون ئارمىيەسى زۆرۈر تېپىلغاندا ئاۋسترالىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرەلەيدىكەن. ئىككى دۆلەت يەنە كەلگۈسىدە 5G تورى، دېڭىز ئاستى كابىلى ۋە مۇھىم كان مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلغان.

ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە 17-نويابىر مەزكۇر ھەربىي كېلىشىمنى ئىمزالىغان ئوخشاش كۈندە، ئامېرىكا، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە تۆت دۆلەت شىمالىي ئەرەب دېڭىزىدا ئىككىنچى باسقۇچلۇق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بۇ تۆت دۆلەت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئوخشاش كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، بۇ مانېۋىر خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دەپ قارالغان.

مالابار ھەربىي مانېۋىرى 1992-يىلى باشلانغان بولۇپ، دەسلەپتە پەقەت ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ئىككى دۆلەتلا قاتناشقان. ياپونىيە 2015-يىلى بۇ مانېۋىرغا قېتىلغان. بۇ يىل بولسا ئاۋسترالىيەمۇ تۆت ئىتتىپاقداش دۆلەت قاتارىدا بۇ مانېۋىرغا قاتناشقان.

بۇ خەۋەر 974 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2020 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق