تۈركىيەدە سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى

17-نويابىر تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر قاتارىدا ھەپتە ئاخىرى سىرتقا چىقىشنى چەكلەش قارار قىلىندى.

قاراردا مۇنۇلار ئېلان قىلىندى:
ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى يىل ئاخىرىغىچە تور ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كەچ ۋاقتى 20:00دىن ئەتىگەن سائەت 10:00غىچە سىرتقا چىقىشنى چەكلەش چارىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

قاراردا يەنە بارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ تاماشىبىنسىز ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، كىنوخانىلارنىڭ يىل ئاخىرىغىچە تاقىلىدىغانلىقى، رېستوران ۋە ئاشخانىلاردا تاماق يېيىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، ئاشخانا ۋە رېستورانلار پەقەت تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1157 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2020 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق