ئامېرىكا خىتاينىڭ خىرىسلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سىياسەت پىلانلاش ئىشخانىسى خىتاينىڭ خىرىسلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر خىل قىلمىشلىرى خۇلاسىلىنىپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئىدىيەۋى يىلتىزى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاجىزلىقى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرىگە قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى تەھلىل قىلىنغان ھەمدە كۈچلۈك خىرىسلار ھەققىدە پىلان تۈزۈلگەن.

دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چوڭ كۈچ رىقابىتىنى باشلىغانلىقى، ئەمما كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بۇلارنى ھېس قىلالمىغانلىقى، ئاز ساندىكى كىشىلەر خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا سىڭىپ كىرىش ئەندىزىسىنى ئېنىق ھېس قىلغان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا خىتايدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسى «20-ئەسىردىكى ماركسىزم-لېنىنىزم مۇستەبىتلىكىنى ئاساس قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر كۈچ» دەپ سۈپەتلەنگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئاجىزلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىتلىكتىن ئىبارەت ئۆزگىچە ئاجىزلىقى بار ئىكەنلىكى، ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق، نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى، مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى، چىرىكلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇن سىياسىتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەممەل جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش؛ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك، ھەرىكەتچان ۋە ئىلغار بولغان ئارمىيەنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش؛ ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەتنى ئاساس قىلغان ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش؛ ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن، قائىدە-نىزاملار ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى كۈچەيتىش؛ ئىتتىپاقداشلار سىستېمىسى ۋە ھەرقايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى قايتىدىن باھالاپ چىقىش؛ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى كۈچەيتىپ، ئادىل پىرىنسىپ ئاساسىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، زۆرۈر بولغاندا خىتاينى چەكلەش ۋە توسۇش، ئەركىنلىك ئىزدەيدىغان خىتاي پۇقرالىرىنى قوللاش قاتارلىق تەدبىرلەر تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 719 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2020 13:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق