خىتاي ۋىرۇس مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەرگە قارا چاپلاشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيادا قايتىدىن كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشقا سېلىپ، ۋىرۇسنىڭ تۇنجى بولۇپ باشقا دۆلەتلەردە پەيدا بولغانلىقىنى داۋراڭ سېلىشقا باشلىغان.

خىتاي ۋىرۇسى ۋۇخەندە پەيدا بولغاندىن كېيىن، خىتايلارنىڭ ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلغانلىقى سەۋەبلىك ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان، خىتاي دائىرىلىرى ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئېلىپ-سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ 2019-يىلى 9-ئايلاردا ئىتالىيەدە تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىتالىيەنىڭ بىر تەتقىقات ئورگىنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا تاسادىپىي ھالدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىلغانلىقى كۆرسىتىلگەنلىكىنى، بۇ دوكلاتنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى مېدىتسىنا ئىلمىي ژۇرنىلى ۋە ئۆسمە ژۇرنىلىدا رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ دوكلاتلاردىن پايدىلىنىپ، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئىتالىيەگە ئارتىشقا ئۇرۇنغان. خىتاي بۇندىن بۇرۇنمۇ خىتاي ۋىرۇسنىڭ باشقا دۆلەتلەردە پەيدا بولۇپ، خىتايغا تارقالغانلىقى ھەققىدە كۆپ بىلجىرلىغان، جۈملىدىن خىتاي باياناتچىسىنىڭ «ۋىرۇسنى ئامېرىكا تارقاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1007 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2020 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق