تەيۋەن: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلسا قارشى ئالىمىز

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىللەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ھەققىدىكى قىياسىي سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەن قانۇن پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەشكىللىگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا مىللەتچى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى: «پىرېزىدېنت تىرامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو تەيۋەندە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قانداق پوزىتسىيەدە بولىدۇ؟» دەپ سورىغان. تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زېڭ خورېن جاۋاب بېرىپ: «زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، رەت قىلىشقا ئاساسىمىز يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن. زېڭ خورېن يەنە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا ياكى بىخەتەرلىكتە ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلىش بولسا ئىزچىل ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم دىپلوماتىك ۋەزىپىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، كەلگۈسىدە تەيۋەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پىرېزىدېنت تىرامپ 2017-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى خىتاينى قاتتىق نارازى قىلغان. ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تەيۋەنگە پايدىلىق بىر نەچچە قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىدىن سىرت، ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋىي مۇلازىمەت مىنىستىرى ئالېكس ئازار تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، 41 يىلدىن بۇيان تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كابىنېت ئەزاسى بولۇپ قالغان. ئامېرىكىنىڭ يەنە تەيۋەنگە زور مىقداردا ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىشى، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 827 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2020 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق