شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار سىياسىتى داۋاملاشماقتا

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر جايىدىن تىراكتور بىلەن توشۇپ ئېلىپ مېڭىلغان بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىلىپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى ۋە غەزىپىنى قوزغىدى.

مەزكۇر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ تىراكتورغا چېتىلغان، ئەتراپى ئېگىز تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن توسۇۋېتىلگەن كوزۇپ ئىچىدە 50كە يېقىن ئۇيغۇر قىستىلىشىپ ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغان بولۇپ، ئېتىزلىقتىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. كوزۇپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستى-بېشىنى توپا-چاڭ بېسىپ كەتكەن بولۇپ، چىرايىدىن ھارغىنلىق ۋە چۈشكۈنلۈك چىقىپ تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قىز-ئاياللار بولۇپ، كۆرگەن كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىكەن.

خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن ھاشار سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەۋەلىكىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى سىياسىي ئۆگىنىش قاتارلىق باھانىلەر بىلەن روھىي جەھەتتىن باستۇرۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھاشار ۋە مەجبۇرى ئەمگەكلەر بىلەن جىسمانىي جەھەتتىن خورلانماقتا.

بۇ خەۋەر 2984 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2020 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق