ئامېرىكىدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئۆزخەۋىرىمىز: 16-نويابىر ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇپەتتىشى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. مېھمانلارنى جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

ئابدۇلۋارىس خوتەن مېھمانلارغا جەمئىيەتنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى، جەمئىيەتتە كۆرۈلۈۋاتقان ئىجابىي ۋە سەلبىي مەسىلىلەر، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈزلىنىشى، شۇنداقلا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئابدۇلھېكىم ئەپەندى بىلەن روشەنگۈل خانىم ئامېرىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە كېيىنكى نىشانلىرىنى تونۇشتۇردى. ئىككى تەرەپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئارقىدىن ئابدۇلھېكىم ئەپەندى بىلەن روشەنگۈل خانىم ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئوچۇق سۆھبەت» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، سايلام نەتىجىسىنىڭ تەسىرى قاتارلىق خەلق كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنى تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 5962 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2020 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق