خىتاي: خىتاينىڭ ھەربىي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسى ئاساسسىز بېسىم ئىشلىتىشتۇر

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسى ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى تەنقىد قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىسىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى سەۋەبسىز باستۇرۇش ۋە بازار رىقابەت پىرىنسىپى، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى، بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ بازارنىڭ كۈچىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىرېزىدېنت تىرامپ 12-نويابىر مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق كىشىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى كونتروللۇقىدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا چەكلىگەن. بۇ بۇيرۇق كېلەر يىلى 11-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىيۇن ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا خۇاۋېي، خىتاي تېلېگراف شىركىتى، خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خەيكاڭ (Hikvision) قاتارلىق 31 شىركەتنى خىتاينىڭ ھەربىي شىركىتى دەپ بېكىتكەن.

ئاقساراي تارقاتقان بۇيرۇقتا دېيىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكا كاپىتالىنى ئىشلىتىپ ھەربىي، ئاخبارات ۋە باشقا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىقتىدارغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تىرامپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقلار ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى ۋە دۆلەت جىددىي ئەھۋال قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ ئامېرىكا سايلىمىدىن كېيىن قوللانغان تۇنجى چوڭ سىياسىي تەشەببۇسى بولۇپ، بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى تىرامپنى 2022-يىلى 1-ئايغىچە ئامېرىكا پېرېۋوت سودىسىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان خىتاي شىركەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2020 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق