تىرامپنىڭ خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۆپ قانۇن لايىھەسىنى يولغا قويماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپنىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە پەقەت ئون ھەپتە ۋاقىتلا قالغان بولسىمۇ، بىراق تىرامپ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىلگىرى خىتايغا قارشى بىر قاتار قاتتىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا تاراتقۇ ئورگىنى ئاكسىيوسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىرامپنىڭ پىلانى بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىكەن.

تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئاكسىيوسقا تىرامپنىڭ ھوقۇقتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۇتقا قىلىپ، كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىن ئىكەن. مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئورۇن بوشىتىپ بېرىشتىن يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىغا قارشى تېخىمۇ كۆپ چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق تەيۋەنگە قارىتا زور دەرىجىدىكى يېڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باشقا ئەلچىخانىلىرىنى تاقاشقا بۇيرۇماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى جون ئۇللىيوت مۇخبىرغا: «ئەگەر خىتاي ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا سورۇنلاردا مەسئۇلىيەتچان دۆلەتكە ئايلانمىسا، كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ھوشيار بولۇشى كېرەككى، پىرېزىدېنت تىرامپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە خىتايغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارىخىي خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىكى بولىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 805 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2020 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق