سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىرىستوفىر مىللېر سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مىللېر بىلەن نوبۇئو كىشىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلەيدىغان «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك كېلىشىمى»نىڭ 5-ماددىسىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە رايونلارغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇملارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ 12-نويابىردىكى: «سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار خىتاينىڭ زېمىنى. ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى بولسا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن سۆزلىرى ئىلاۋە قىلىنغان.

ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش تىرىشچانلىقى ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن. ئامېرىكىدا يېڭىدىن پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان بايدېن 12-چېسلا ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە قوشۇلغان ۋە سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنىڭ 5-ماددىسىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

بۇ خەۋەر 859 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2020 12:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق