نۇزۇگۇم جەمئىيىتى مەسئۇللىرى روشەن ئابباس قاتارلىق مېھمانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

15-نويابىر نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىكى مەسئۇللار ئامېرىكىدىن زىيارەتكە كەلگەن روشەن ئابباس ۋە جۇلىي خانىملارنى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى باش ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەئىسى، پائالىيەتچى روشەن خانىم ۋە ئون يىلدىن بېرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقان جۇلىي خانىم شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىدىكى قۇرغۇچى خانىملار بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

نۇزۇگۇم جەمئىيىتى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى مەريەمگۈل تەكلىماكان خانىم، جەمئىيەتنىڭ كاتىپى ۋە تاڭ نۇرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى شەمشىنۇر خانىم، ئىقتىسادىي ئىشلىرى ۋە يېتىملەر خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى نۇربىيە خانىم، ئارقا سەپ مەسئۇلى ۋە باشاق شەھەر رايونى ۋەكىلى ئاسىمگۈل خانىم، ئاياللار تەلىم-تەربىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەمىرى خانىم، مەمۇرىي ئىشلار مەسئۇلى ئەلانۇر خانىملار بۇ سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلدى ۋە پىكىر بايان قىلىشتى.

خىتاي ۋىرۇسىغا قارىتا تەدبىرلەرگە رىئايە قىلىنغان ئاساستا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ سۆھبەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئاياللارنىڭ رولىدا بايقالغان ئارتۇقچىلىقلار ۋە كەمچىللىكلەر، ئەھمىيەت بېرىلگەن ۋە سەل قارالغان مەسىلىلەر، خاتا چۈشەنچىلەر، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋانىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە قارىتا ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلار مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاخىرىدا نۇزۇگۇم جەمئىيىتى مەسئۇللىرى روشەن ئابباس خانىم ۋە جۇلىي خانىملارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى. ئۇلارمۇ ئاياللارغا ئاتاپ ئەكەلگەن ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى ۋە ئۆزئارا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

 

بۇ خەۋەر 6119 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2020 12:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق