شەرقىي تۈركىستاندا ياشانغانلار ئېغىر ئەھۋالدا قالماقتا

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ ئادەتلىرى ۋە قىممەت-قاراشلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قامىدى. بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ، بالىلارنىڭ يېتىم بولۇشى، ئاياللارنىڭ خورلىنىشى، ياشانغانلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز قېلىشى قاتارلىق ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا، بىر خىتاي ئايال ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر يېزىغا دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىككى ئۇيغۇر بوۋاينى سىنغا ئېلىپ، بۇ ئىككى بوۋاينىڭ بىر ئايدا 150 يۈەنگە ئىشلەيدىغانلىقىنى، يەيدىغان تامىقىنىڭ ناھايىتى ئاددىيلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھازىر ئۇلارغا يەيدىغان نەرسە ئەكېلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن كېيىن، ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنى بالىلار لاگېرلىرىغا يىغىۋالغان بولسا، باققۇچىسىز قالغان ياشانغانلارنى «بەخت ساناتورىيەلىرى» ئىسمى بېرىلگەن ياشانغانلار لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا بۇلارنىڭ سىرتىدا قالغانلارنى قېرى-ياش دېمەستىن، ئەرزان مائاش بىلەن ئېغىر ئىشلارغا سالماقتا.

بۇ خەۋەر 2742 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2020 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق