ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان شېئىر كېچىسى» ئۆتكۈزۈلدى

14-نويابىر تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىدە «شەرقىي تۈركىستان شېئىر كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلەر بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قوللىغان.

پائالىيەتنىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى پاش قىلىش، قەلىمى سەۋەبلىك قاراڭغۇ زىندانلاردا ئازاب چېكىۋاتقان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش بولۇپ، ئاكادېمىيە مەسئۇللىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ياش يازغۇچى-شائىرلار قاتناشتى. پائالىيەتتە ھەرخىل تېمىلاردىكى شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىنىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پائالىيەتتە تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك ياردەملىرىنى ئايىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ كۆلىمىنىڭ كىچىك بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلەر بىرلىكى بىلەن تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

 

 

بۇ خەۋەر 6056 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2020 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق