بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا چىقماسلىق جازا لاگېرىدا تۆت يىل قامىلىشقا سەۋەب بولغان

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بەش مىنۇتلۇق بىر سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر ئۇيغۇر ياشنى بىر قېتىملىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن تۆت يىل لاگېرغا قامىغان.

مەزكۇر سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايىتىنىڭ مۇھىم بىر ئىسپاتى بولۇپ، سىندا خىتاي بىلەن مەجبۇرىي توي قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى بىر قېتىم بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلىقتىن، جازا لاگېرىغا تۆت يىل قامالغان. ئۇ كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لاگېردىكى ھەر خىل قىيىن-قىستاق، روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى خورلاشلار سەۋەبىدىن ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان.

سىندا يەنە، مەزكۇر ئايال خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن مەجبۇرىي توي قىلغاندىن كېيىن قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراپ خورلانغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلىشتىكى مەقسىتى مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى بەرگەن پۇلنى خەجلەپ بولۇپ، خالىغىنىنى قىلىپ، ئۇيغۇر ئايالنى خورلايدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدە ھېچقانداق خۇشاللىق يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، بۇندىن بۇرۇن ئۇ نەق مەيدان تارقاتقان ۋاقىتلاردا، خىتاي ئۇنى ئۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر باھانە-تۆھمەتلەر ئارقىلىق لاگېرلارغا قاماپ، تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلماقتا. شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلىماقتا.

بۇ خەۋەر 2878 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2020 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق