خىتاي ۋىرۇسى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى توسۇپ قالالمىدى

12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈننى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىتلەرنى ئەسلەش ۋە دۇئا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ۋەقفىنىڭ ھويلىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ساھىبخانلىق قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى مەسئۇللىرىغا كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى ھەدىيە قىلدى.

بۇلاردىن سىرت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈننى ھەرخىل ئۇسۇلدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان مارشىنى ئوقۇش، شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، تېلېفون ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلىرىغا، ساۋاقداشلىرىغا سالام يوللاش، جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن ئاتاپ يازغان شېئىر، يازمىلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

بىر قىسىم پەرزەنتلەر يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىشخانىسىغا زىيارەتكە بېرىپ، ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان، بايراق ۋە «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ» دېگەن خەت بېسىلغان كىچىك پىلاكاتنى تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا ھەدىيە قىلدى.

 

 

بۇ خەۋەر 5831 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2020 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق