خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ياغاچ ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى داۋاملىق ناچارلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ياغاچ ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ياغاچلاردا زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

12-نويابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي تاموژنىسىنىڭ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە ئىشتاتىدىن ياغاچ ئىمپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى دەلىللىگەن.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن پەيشەنبە كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ ۋەقەنىڭ سىياسىي قارار ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. ۋاڭ ۋېنبىڭ سۆزىدە: «ئۆسۈملۈكلەردە كېسەل تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسى 2020-يىلى 11-نويابىردىن باشلاپ ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە ئىشتاتىدىن ياغاچ ئىمپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسون بۇ يىل 4-ئايدا خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى باشلاش توغرىسىدا مۇراجىئەتنامە تارقاتقاندىن بۇيان، خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان. ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ تۆمۈر رۇدىسى، ئارپا، كالا گۆشى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۈزۈم ھارىقى ئېكسپورتىنى ئارقا-ئارقىدىن توختاتقان. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ياغاچ سودىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى خىتاينىڭ يەنىلا ئاۋسترالىيەگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2008-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئون يىلدا خىتاينىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىمپورتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى %173 ئاشقان، ياغاچ ماتېرىياللىرىدا چەت ئەلگە تايىنىش نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 1114 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2020 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق