فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سابىق مالىيە مىنىستىرى لوۋ جىۋېي بايدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە ، لوۋ جىۋېي جۈمە كۈنى قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىنىپ بولالمايدىغانلىقىنى، بايدىن پىرېزىدېنت بولۇپ، سودا ئۇرۇشى سۈركىلىشىدىن ۋاز كەچكەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لوۋ جىۋېي 2022-يىلىغا بارغاندا ئاندىن ئىقتىسادنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنى كونترول قىلغاندىلا، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لوۋ جىۋېي يەنە خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىنى تەرتىپلىك ھالدا بوشاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىدىغان پەيت كەلگەنلىكىنى، ئەمما چېكىنىش قەدىمىنى چوقۇم ياخشى مۆلچەرلەپ، تەرتىپلىك چېكىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.