سابىت داموللام ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (4)

سابىت داموللام ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (4)

 

1937-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدا ئابدۇنىياز ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاقسۇ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى 100 نەپەر ئەسكىرى بىلەن ئۇچتۇرپانغا بېرىپ، سېپىل ئىچىدىكى شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلىپ شەھەرنى ئىگىلەيدۇ. ئاندىن پۈتۈن ئۇچتۇرپاندىكى خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، شەھەر ئىچىدىكى تاقىچى مەھەللىسىدە بىر ئوق زاۋۇتى، بىر قورال رېمونت قىلىش زاۋۇتى، بىر ھەربىي كىيىم-كېچەك كارخانىسى ۋە بىر ئات جابدۇقى كارخانىسى قۇرىدۇ. بۇ زاۋۇت كارخانىلار ئابدۇنىياز قىسىملىرى ئۈچۈن ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن ئوق، پارتلىتىش دورىسى، كىيىم-كېچەك، ئات جابدۇقى تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇنىيازنىڭ قىسىملىرى خېلىلا ياخشىلىنىدۇ.

 شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇنىياز ئاقسۇدا شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ ئۇرۇش ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ. ئۈچ ئايغا يېقىن تىركىشىش جەريانىدا تولا مەغلۇپ بولۇپ، قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن شېڭ شىسەي ئاخىر ئىستالىندىن ياردەم سورايدۇ. شېڭ شىسەينىڭ ھەرقانچە قىلىپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىگە كۈچى يەتمىگەنلىكىنى بىلگەن سوۋېت نامدا شېڭ شىسەينىڭ تەلىپى بويىچە ئابدۇنىياز قىسىملىرىغا قارشى ئۇرۇشقا كىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەھمۇد مۇھىتىلار بۇرۇندىنلا پەرەز قىلىپ قاتتىق ئېھتىيات قىلغان ئۇرۇش رەسمىي باشلىنىدۇ. يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستانغا رەسمىي ھالدا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇنىياز كامال رەھبەرلىكىدىكى ياش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

 1937-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋېتنىڭ 2000 كىشىلىك قىزىل ئارمىيەسى «ئالتايىسكى» دېگەن نامدا ئايروپىلان ۋە تانكىلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، شېڭ شىسەينىڭ 2000 كىشىلىك ئەسكىرى بىلەن بىرلىشىپ، جەمئىي 4000 كىشىلىك سوۋېت ۋە شېڭ شىسەي قىسىملىرى بىرلىكتە ئاقسۇدىكى ئابدۇنىياز قىسىملىرىغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلايدۇ.

بۇ ۋاقىتتا ئابدۇنىيازنىڭ قوراللىق قوشۇنىدا پەقەت 1500 كىشى بار ئىدى. ئۇ ئۇرۇشقا ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ بىر قانچە كۈن باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇرۇش جەريانىدا ئابدۇنىياز قىسىملىرى رۇسلارنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ئۇچقۇچىلىرىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئاخىرى ئابدۇنىياز قىسمىنىڭ ئوق-دورىلىرى تۈگەپ كېتىپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئابدۇنىياز كامال تاكى ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ئوقلىرى تۈگەپ ئامالسىز قالغان شۇ كۈنىگىچە ئۇرۇشتا بىرەر قېتىممۇ يېڭىلمىگەن ئىدى.

سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 20 ئايروپىلان، 20 تانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 كىشىلىك ماشىنىلاشقان قىسىملىرى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ھەم ئەركەشتام، سىمخانا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، قەشقەردىكى ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەننىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئابدۇنىياز بىلەن ما خۇسەننىڭ ئالاقە لىنىيەسىنى ئۈزۈۋېتىدۇ. دەل بۇ جىددىي پەيتتە قەشقەر فىرونتىدىكى ما خۇسەننىڭ بىرىگادا كوماندىرى ما شىڭكۈي 2000 ئەسكەر بىلەن شېڭ شىسەيگە تەسلىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇنىياز كامال، ما خۇسەن بىرلەشمە ئارمىيەسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. سوۋېت-شېڭ شىسەي بىرلەشمە ئارمىيەسى 31- ۋە 32-پولكتىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بىلەن ما شىڭكۈي قىسىملىرىنى ئاۋانگارت قىسىم قىلىپ، ئالدىغا سېلىپ، ما خۇسەن قىسىملىرىغا قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. ما خۇسەن قىسىملىرىمۇ يېڭىلىپ، بىر قىسمى تەسلىم بولىدۇ، ما خۇسەن ئازراق ئادىمى بىلەن ھىندىستانغا قاچىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇق قىسىملىرى خوتەنگە چېكىنىدۇ.

بۇ جەرياندا ما خۇسەن ئابدۇنىياز كامالغا يېڭىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىمەن دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە لىيۇ بىن قىسىملىرى بىلەن ئانچىكىم ئۇرۇش قىلىپ قويۇپ، پەقەت ۋاقىت ئۆتكۈزگەن. پۈتۈن ئۇرۇشلارنى ئاساسەن ئابدۇنىياز رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى قىلغان.

ئابدۇنىيازنىڭ قوشۇنى ئۇچتۇرپاندىن ئايكۆلگە چېكىنىپ كەلگەندىن كېيىن، سوۋېت ۋە شېڭ شىسەي قوشۇنى بىلەن يەنە ئۇرۇش قىلىدۇ. غورىچۆلگە كەلگەندە ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن تارتىپ ھىيلىگەرلىك قىلىپ سەپنىڭ كەينىدە مېڭىپ كەلگەن ما فۇيۈەن قىسىملىرى بىلەن ئابدۇنىياز قىسىملىرى ئارىسىدا سۈركىلىش بولۇپ، ئارىسى بۇزۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مويدىن تۇەنجاڭنىڭ شېڭ شىسەيگە يوللىغان مەخپىي خېتى ئابدۇنىياز كامالنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن رۇس، خىتاي ئۇچقۇچىلىرىنىمۇ قاچۇرۇۋەتكەنلىكى پاش بولىدۇ. ئابدۇنىياز كامال ۋەتەن خائىنى مويدىن تۇەنجاڭنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، قىلىچ بىلەن چاپتۇرۇپ ئىجرا قىلىدۇ.

 سوۋېت-شېڭ شىسەي قىسىملىرى ئايروپىلانلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا غورىچۆلدىكى ئابدۇنىياز كامال ئارمىيەسىگە قاتتىق ھۇجۇم باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوق-دورا، قورال-ياراغلىرى كەمچىل بولسىمۇ، باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي تارمار بولۇپ، ھەر تەرەپكە بۆلۈنۈپ چېكىنىدۇ.

 بۇ ۋاقىتتا ئابدۇنىياز كامالنىڭ 800، ما فۇيۈەننىڭ 200 بولۇپ مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر قالغان بولۇپ، بۇلار خوتەن تەرەپكە چېكىنىش قارارىغا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ يولىدا تار دېگەن بىر جىلغا بولۇپ، بۇ ئىككى قاسنىقى ئېگىز، ئىچى تار، ئەتراپى چىڭدىلىپ كەتكەن قۇملاردىن تەركىب تاپقان جىلغا ئىدى. جىلغىغا كىرىدىغان ۋاقىتتا ما فۇيۈەن قىسىملىرى بىردىنلا يول تالىشىپ ئالدىغا ئۆتۈۋالىدۇ. ئەسلىدە سوۋېت قىسىملىرى بۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىۋېلىپ، جىلغىغا پىستىرما قويۇپ ساقلاپ ياتقان ئىكەن. بۇلار جىلغىغا كىرىپ 500 مېتىردەك ماڭغاندىن كېيىن، رۇسلار ماكسىم پىلىموت بىلەن شىددەتلىك ئوققا تۇتىدۇ. بۇ پىستىرمىدا تۇڭگان ئەسكەرلىرى تامامەن دېگۈدەك قىرىلىپ كېتىدۇ. ئابدۇنىياز كامال قىسىملىرىدىنمۇ 300 دىن ئارتۇق ئادەم شېھىت بولىدۇ. بۇ زەربىدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامالنىڭ پەقەت 300 ئەسكىرى قالىدۇ.

بۇلار چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن باسىت قارى ئىسىملىك پەيجاڭ: «بۇ ئەجنەبىي ئورۇسلاردىن ئاشۇ بىھۇدە قىرىلىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قان قىساسىنى ئالمىساق كۆزۈم ئوچۇق كېتىدۇ» دەپ، ئاۋات غورىچۆللۈك تالىپ قارى دېگەن بىر يىگىتنى يېنىغا ئېلىپ، كېچە يولغا چىقىپ ئەتىگىنى پىستىرمىغا قويغان ئالتە رۇس، ئىككى ئۇيغۇر، بىر قىرغىز، بىر قازاق بولۇپ، ئون رۇس ئەسكىرىنىڭ كاللىسى بىلەن ئىككى دانە ماكسىم پىلىموت، سەككىز دانە مىلتىق، ئىككى ساندۇق ئوق كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەسكەرلەر بۇلاردىن بەكمۇ خۇرسەن بولىدۇ ۋە ئۇ كاللىلارنى كۆمۈۋېتىدۇ.

 ئابدۇنىياز كامال بۇ ۋاقىتتا مەكىت ئارقىلىق خوتەنگە چېكىنىپ، ماخۇسەننىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ ۋە ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ، قويۇق توغراقلىق بىلەن قاپلانغان تارىم دەرياسىنى بويلاپ يولغا چىقىدۇ.

 بۇ جەرياندا ئابدۇنىياز كامال بارلىق سەپلەردە ئۇرۇش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خادىملىرىنى توپلىنىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇلار مارالبېشىنىڭ پىچاق سۇندى دېگەن يېرىگە كەلگەندە ئابدۇنىيازنىڭ قولىدا ئىشتاب كادىرلىرى، مۇلازىملار، ئەسكەرلەر بولۇپ مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. قىسىم ئىككى كۈن يول يۈرۈپ، مەكىتتىن ئۆتۈپ يەكەننىڭ لايلىق دېگەن يېرىدە ئۈچ-تۆت كۈن تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، شايار، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى ئەسكەر ۋە پىدائىيلارمۇ كېلىپ، جەمئىي 3500 كىشى جەم بولىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەمۇرىي خىزمەتچىلىرى، قوماندان-ئەسكەرلىرى ئىدى.

بۇ جەرياندا رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق يەكەندىمۇ سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولىدۇ. دېمەك، پۈتۈن ئەتراپ قورشالغان ئىدى. ئابدۇنىياز كامال مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا، 1937-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىشتاب كادىرلىرى، ھەرقايسى تۇەننىڭ تۇەنجاڭلىرى ۋە مەسلىھەتچىلەرنى يىغىپ چوڭ بىر يىغىن ئاچىدۇ. يىغىندا قانداق قىلىش، نەگە بېرىش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «ئاكا-ئىنىلەر، قېرىنداشلار، دوستلار! ئورۇستەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ مېخانىكىلاشقان قىسىملىرى، يەنى ئايروپىلان، بىرونېۋىك، تانكىلار بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلىرى بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە بېسىپ كىرمىگەن بولسا، بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ يالاقچىلىرىنى يوقىتىشىمىز ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. ئەپسۇس، سوۋېت كوممۇنىستلىرى ئېزىلگەن ئەللەرگە ياردەم بېرىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئېزىلگەن خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى ھەرىكىتىنى باستۇرۇۋاتىدۇ. قىسقىسى، تەقدىر بىزنى ناچار ئەھۋالدا قالدۇردى. مۇزاكىرە جەريانىدا مەن بىلەن جاپالىق جەڭلەردە بىرگە بولغان بەزى كىشىلەر ئورۇسلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەسلىم بولايلى دېسە، يەنە بەزىلەر چەتئەلگە يەنى ھىندىستانغا قېچىپ كېتەيلى، دېدى. مېنىڭچە بۇ خىل پىكىرلەر ئىنتايىن خاتا. بىز يەكەننىڭ كاچۇڭ دېگەن يېرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، يەكەن ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىرنەچچە مىليون خەلقنى ئازاد قىلدۇق. ئاقسۇ، شايار، توقسۇ، كۇچا، بۈگۈر، كورلا، قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردا قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلىپ، ھۆركىرىگەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئارقا تىرىكى - ئورۇس ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردۇق. ئەمدى شورالار ھۆكۈمىتى دەپ نام ئالغان بۇ ھۆكۈمەت (سوۋېت ھۆكۈمىتى) بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلىشىپ، ئىنقىلابىمىزنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى. بىز ئېغىر كۈنلەردە بىرگە جەڭ قىلغان، بىر ناننى تەڭ يېگەن دوستلىرىمىزنى، پىدائىيلىرىمىزنى، سەپداشلىرىمىزنى، خەلقىمىزنى، ئۆز ۋەتىنىمىزنى تاشلاپ، سېسىق جېنىمىزنى ئېلىپ چەتئەلگە قاچامدۇق؟ ئۆز ۋەتىنىمىزنى تاشلاپ قېچىش خىتايدەك تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تىغ كۆتۈرگەن بىزدەك پىدائىيلارغا سەت ئەمەسمۇ؟ بىزمۇ بىر نان يېسەك تويىمىزغۇ؟ نېمە ئۈچۈن تىغ كۆتۈردۇق؟ نېمە ئۈچۈن مىڭلىغان دوستلىرىمىز ئۇرۇش مەيدانىدا شېھىت بولدى؟ بىز چەتئەلگە قاچساق قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ ئۆلۈپ تۈگىشىمىزكى، ھەرگىزمۇ چەتئەلگە قېچىپ سەتلەشمەيمىز. مەھمۇد مۇھىتى ئاكىمىز جېنىنى ئېلىپ، چەتئەلگە قېچىپ نېمىگە ئېرىشتى؟ ھەتتا بىزگە بىرەر پارچە خېتىمۇ يوق. بىزمۇ چەتئەلگە قاچساق، شۇ ئادەمگە ئوخشاش سەت كۈنگە قالىمىز، خالاس. مەن سىلەرنىڭ باشلىقىڭلار، پۈتۈن ئىشلارنى مېنىڭ بۇيرۇقۇم بىلەن قىلدىڭلار. شېڭ ھۆكۈمىتى ۋە ئورۇسلارنىڭ تۇتىدىغان ئادىمى - مەن ئابدۇنىياز. مۆھتەرەم بۇرادەرلىرىم، مۇشۇ سائەتتىن باشلاپ سىلەرنىڭ تارقاپ، ئۆز ئالدىڭلارغا پاناھلىنىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن. ئەلۋەتتە، ئاققان قانلىرىمىز بىكارغا كەتمەس، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز بۇ ئىشلارنى ئەسلەر. ئاللاھ تېنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن».

بۇ ۋاقىتتا ئابدۇنىياز كامالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، قاتتىق يىغا-زارە قىلىشىپ، لايلىق كەنتنى بىر ئالغان. بەزى ئەسكەرلەر ئارىسىدا بۇنداق جاننى كۆتۈرۈپ ياشىغۇچە ئۆلۈپلا تۈگەشكىنىم ياخشى، دېگەندەك قاتتىق تالاش-تارتىشلار بولغان. بۇ چاغدا ئابدۇنىياز كامال كارغا كەلگۈدەك قورال ۋە ئوق-دورىلارنى ھېسابلاپ: «مەن ئابدۇنىياز قوماندان بىلەن بىرگە ئۆلىمەن» دەپ قەتئىي تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان 300 ئەتراپىدىكى پىدائىي ئەسكىرىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغان بارلىق ئەسكەر ۋە مەمۇرىي خىزمەتتىكىلەرنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.

ئابدۇنىياز شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىغان ئابدۇنىياز كامال ئاخىرقى قېتىم بارلىق كۈچى بولغان 300 ئەسكىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتايدىن ئىبارەت بىرلەشمە دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما دۈشمىنى كۆپ بولغانلىقتىن بۆسۈپ ئۆتەلمەيدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ھايات قالغان 8-10 ئەسكىرى بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، كۈرەشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرماقچى بولىدۇ.

 بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئابدۇنىياز ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى سوۋېت رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى بايقىۋېلىپ، يۈسۈپ ليەنجاڭغا ئۇنى تۇتۇپ كېلىشنى بۇيرۇغان. ئۇ ئاتلىق ليەنى بىلەن يولغا چىقىپ كوسراپتىكى بىر جىرا ئىچىدە چۈشكۈن قىلغان ئابدۇنىياز كامالنى قورشاۋغا ئالغان. ئابدۇنىياز كامالنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغاندا، ئابدۇنىياز ئۇلارنى توسۇپ، يۈسۈپ ليەنجاڭغا: «ئەمدى ئۆزئارا قان تۆكۈشمەيلى، ھېلىمۇ بىزدىن نۇرغۇن قانلار بىھۇدە ئاقتى، ئەگەر سىز بىزگە قوشۇلسىڭىز، بۇ ئەزىز ۋەتىنىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى، خالىغان ئەسكىرىڭىز بىز بىلەن بىللە ماڭسۇن» دېگەندە يۈسۈپ ليەنجاڭ: «مەن بۇيرۇق بويىچە چىقتىم، مەن سىلەرنى تۇتۇپ يەكەنگە قايتىمەن» دېگەن.

قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئابدۇنىياز كامال ھەسرەت بىلەن: «توغرا، بۇيرۇق بويىچە چىقتىڭىز، سىز بۈگۈن بۇيرۇق بويىچە مېنى تۇتۇپ بېرىسىز، ئەتە باشقا بىرسى بۇيرۇق بويىچە سىزنى تۇتۇپ بېرىدۇ، بىز قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى تۇتۇپ بېرەرمىز! ھەي بىزنى خاراب قىلغان پەيلىمىز، مانا، ئېلىڭ!» دەپ، قورالىنى يۈسۈپ ليەنجاڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇلار يەكەنگە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن بىر ئايروپىلان ئۇلارنى ئېلىپ كەتكەن. بۇ 1937-يىلى 10-ئاي ئىدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باتۇر جەڭچىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى باش قوماندانى، مىللىي قەھرىمان مەرھۇم ئابدۇنىياز كامال 1937-يىلى 10-ئايدا تېخى 27 ياشقا كىرگەن لاچىن كەبى بىر يىگىت ئىدى.

1937-يىلى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى باش قوماندانى ئابدۇنىياز كامال مىللىي مۇناپىق ساتقىنلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەسمىي ھالدا مۇنقەرز بولىدۇ.

 

-     «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابتىن قىسقارتىپ تەييارلاندى.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1708 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2020 19:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق