تىرامپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى قوللايدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى 12-نويابىر مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى قوللايدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت تىرامپ ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق كىشىنىڭ «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ياكى كونتروللۇقىدا» دەپ قارالغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئاشكارا چەكلىگەن بولۇپ، بۇ بۇيرۇق كېلەر يىلى 11-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. بۇ بۇيرۇق ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئالاقىدار شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ-سېتىشنى چەكلەپلا قالماي، بۇ شىركەتلەرگە چېتىشلىق ھەر قانداق پاي چېكىنى ئېلىپ-سېتىشنى ياكى ساقلاشنى چەكلەيدىكەن.

تىرامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق «ئامېرىكا خەلقئارا ئىقتىساد ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى» ۋە «دۆلەت جىددىي ئەھۋال قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان.

بۇ بۇيرۇق پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ ئامېرىكا سايلىمىدىن كېيىن يولغا قويغان تۇنجى چوڭ سىياسىي تەشەببۇسى بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر مەمۇرىي بۇيرۇق 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو تاپشۇرغان قانۇن لايىھەسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا كاپىتال بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1180 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2020 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق