ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: 12- نويابىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىككى جۇمھۇرىيەت (1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى) قۇرۇلغان قۇتلۇق كۈننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تور يىغىنى پائالىيىتى تەشكىللىدى.

يىغىن شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ فېيسبۇك ۋە يۇتيۇب قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. يىغىن ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەزىز شەھىد ئوغلىنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئىستىقلال مارشى قويۇلدى.

يىغىننىڭ باشلىنىشىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان «ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى» تېمىسىدا، قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ئاساسى قانۇنى» تېمىسدا، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باش كاتىپى، دوكتورانت نۇرىددىن ئىزباسار «شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماھىيىتى» تېمىسىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل «1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى جەريانىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى» تېمىسىدا، ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى «مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشلەر» تېمىسىدا، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى: ئىسلامىي ۋە مىللىيلىكنىڭ بىرلىكى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت: ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن» تېمىسىدا، سىيەر نەشرىياتى باش مۇھەررىرى مۇھەممەد ئەلى ئەلىئوغلى «جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنىڭ ئۆرنەك ۋە ئىبرەتلىك تەرەپلىرى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

يىغىن ئارىلىقىدا يەنە بىر قىسىم تەشكىلات ۋە ئورۇنلار جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلىغان قىسقا فىلىملەر قويۇلدى.

ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنى پائالىيىتى مول مەزمۇنلار بىلەن بەش سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى. يىغىن تەپسىلاتىنى ئىستىقلال يۇتيۇب قانىلى ۋە فېيسبۇك سەھىپىسىدىن كۆرۈۋالغايسىلەر.

بۇ خەۋەر 5846 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2020 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق