خىتاي تاشقورغان چېگراسىدا چارلىغۇچى ساقچىلارنى كۆپەيتتى

ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقورغان چېگرا رايونىدا چارلاش ساقچىلىرىنى كۆپەيتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تاشقورغان چېگرا باشقۇرۇش تارمىقى ئارقا-ئارقىدىن 200 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىنى تەشكىللەپ، چېگرا رايون تەۋەلىكىدە چارلاشنى كۈچەيتكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئارتۇق چېگرا سىرتىغا تۇتىشىدىغان 40 تىن تاغ ئېغىزى ۋە ئاساسلىق يوللار تەكشۈرۈلۈپ چارلاپ تەكشۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى چېگرا رايوننى چارلاشنى ئالدىنقى يىللىرىغا قارىغاندا كۈچەيتكەن. ئەسكەرلەر بىلەن چارلاشتىن باشقا، يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 2917 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2020 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق