شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان قازاق ياش خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان بىر قازاق ياش ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان 23 ياشلىق قازاق ياش ئېرسىن ئەركىن ئالدىنقى ئايدا ئۇكرائىنادىن پولشاغا ئۆتمەكچى بولغاندا، يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇ ئىشقا ئامېرىكا ئارىلاشقاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئۇنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماسلىققا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق 11-نويابىر ئۇنىڭ يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان.

ئېرسىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ناھىيەسى جېلىليۈزى بازىرىدىن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان. ئۇ قازاقىستاندىن ئۇكرائىنا، پولشا ئارقىلىق گېرمانىيەگە بېرىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىمەكچى بولغان. ئويلىمىغان يەردىن 11- ئۆكتەبىر ئۇكرائىنا ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ئېرسىن ئالدىنقى ھەپتە ئاتا يۇرت جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ ئۇكرائىنادا تۇتۇلۇپ، تۆت كۈندىن كېيىن سوتقا ئېلىپ چىقىلغان، سوت ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان. ئاتا يۇرت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېرىكجان ئۇكرائىنا ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئېرسىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئېرسىننىڭمۇ خەتەردە قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما مەزكۇر ساقچى ئېرسىننىڭ ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتىپ كېتىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى قويۇۋەتكەن. كېيىن ئېرسىننىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشى چەكلەنگەن. سېرىكجان كېيىن ئۇكرائىنا ساقچىلىرىدىن ئېرسىننىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان.

بۇ خەۋەر 2651 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2020 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق