تۈركىيەدە «ئىككى جۇمھۇرىيەت» كۈنى ئۆزگىچە تەبرىكلەندى

بۇ يىل تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىككى جۇمھۇرىيەت قورۇلغان ( 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى) كۈنىنى ھەر خىل شەكىلدە قىزغىن كۈتۈۋالدى.

11 نويابىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىكى ياشلار ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇب سۇلتان، ئاۋجىلار، زەيتىنبۇرنۇ، سافا كۆي، مەرتەر قاتارلىق رايونلاردىكى ئادەم كۆپ ئورۇنلارغا ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەپ پىلاكاتلىرىنى ئاستى. پلاكاتلاردا « 12- نويابىر ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى (1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى) مۇبارەك بولسۇن!»دېگەن تەبرىك سۆزلىرى يېزىلغان ھەمدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسلىرى ۋە رەھبەرلىرى ۋە پېشقەدەملەرنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن .

شەرقىي تۈركىستان سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى ئوقۇغۇچىلىرى ، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنى ئوقۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قۇتلۇق كۈنىنى تەبرىكلەش، «غەلىبە بىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن !»دېگەن پلاكاتنى چىقىرىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى تەبرىكلىدى. نۇرغۇن شەخسلەر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەپ فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ باش رەسىمىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقاردى.

خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بىر ئورۇنغا يىغىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىيەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىش ئارقىلىق قۇتلۇق كۈننى تەبرىكلىدى. بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ، ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەشكە مۇناسىۋەتلىك شېئىر، قىسقا يازما ۋە ئەقلىيە سۆزلەرنى ھەمبەھرىلەشتى.

بۇ خەۋەر 6252 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2020 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق