سابىت داموللام ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (3)

سابىت داموللام ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (3)

 

شۇ كېچىسى پۈتۈن قوماندانلار شەھەرنى تاشلاپ تارقىلىپ كېتىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم مەھمۇد مۇھىتى بىلەن يېڭىسارغا كېتىدۇ. ئورازبەگ مىڭ يولىغا چىقىپ كېتىدۇ. يۈسۈپجان تاشقورغان يولىغا، كىچىك ئاخۇن ئاتۇشقا چىقىپ كېتىدۇ. ئوتتۇرىدا پەقەت سابىت داموللاملا قالىدۇ. سابىت داموللام بارلىق ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئورازبەگ، زەيدىن ئاخۇنلارنى تېپىپ كېلىپ پۈتۈن كۈچىنى توپلاپ ما شىمىڭ، ما جەنساڭ قىسىملىرىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ قەشقەرنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەمما نەچچە يۈز ئادەم بىلەن تاقابىل تۇرالماي ئاخىر چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. تۇڭگانلار قەشقەر شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ قاتتىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. 10 مىڭ كىشىنىڭ بېشىنى كېسىدۇ. قەشقەر شەھىرى ئاھ-پەريادلار، قان دەرياسى ئىچىدە قالىدۇ. قىز-ئاياللارنى ئاياق ئاستى قىلىپ، نۇرغۇن پۇل-ماللارنى بۇلاپ-تالايدۇ.

قەشقەرنى تولۇق ئىستېلا قىلغان تۇڭگانلار يېڭىسارغا كېلىپ ئەمىر نۇرئەخمەت بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلايدۇ. نۇرئەخمەت ئىنتايىن باتۇر يىگىت بولۇپ، يېڭى شەھەردە 20 كۈندەك قاتتىق جەڭ قىلىدۇ. بۇ قانلىق ئۇرۇشتا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ياردەمگە كەلگەن ئىنىسى ئەمىر ئابدۇللا (شا مەنسۇر) ۋە ئەمىر نۇرئەخمەت دېگەن ئىككى ئىنىسى باتۇرلارچە شېھىت بولىدۇ.

بىز بۇ يەردە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئەركەشتام زىيارىتى توغرىلىق پەقەت قىسقىچە توختىلىمىز.

شۇنداق قىلىپ خوجىنىياز ھاجىم تۇڭگانلاردىن ئېغىر زەربە يەپ، جەمئىي 116 نەپەر ئەسكىرى بىلەن قېلىپ، ئەركەشتامغا بېرىپ رۇسلاردىن ياردەم سورايدۇ. رۇسلار تەلەپ قىلغان نەچچە مىڭ سەر ئالتۇننىڭ ھەممىسىنى رۇسلارغا تاپشۇرىدۇ. رۇسلار خوجىنىياز ھاجىمغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مىنىستىر سابىت داموللام باشلىق قولغا ئېلىنىدىغان 11 نەپەر مىنىستىرىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرىدۇ. ئەركەشتام زىيارىتى مانا شۇنداق قۇرۇق قول ئاياغلىشىدۇ.

بۇ شۇنداق بىر ۋەزىيەت بولىدۇكى، خوجىنىياز ھاجىم تامامەن يېتىم قالىدۇ. يەنە كېلىپ ئەتراپىدا يۈز نەچچە ئەسكىرى قالغان بولۇپ، ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان، مەھمۇد مۇھىتى ئاز بىر قىسىم ئەسكىرى بىلەن يېڭىسارغا چېكىنگەن، دۆلەت بۈيۈكلىرى يەكەنگە چېكىنگەن، ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قەشقەرگە ھاكىم بولغان، ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن، نامدا شېڭ شىسەينىڭ، ئەمەلىيەتتە سوۋېتنىڭ قىزىل ئارمىيەسى «ئالتايىسكى»، «تارباغاتايىسكى» لار قەشقەرگە قىستاپ ئاقسۇغىچە كەلگەن بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئەسلىدە 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى جاللات شېڭ شىسەي رۇسلار تەرىپىدىن «دۇبەن» ئۇنۋانى بىلەن ئۈرۈمچىدە قورچاق ھاكىم قىلىپ ئولتۇرغۇزۇلغان، شېڭ شىسەي بۇ كۈننى «12-ئاپرېل بايرىمى» دەپ ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ، نامدا خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە بولسا رۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينى قانچىلىك ئالاقزادە قىلىۋەتكەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ شۇنچىلىك ۋەھىمە ئىچىدە قالغان ئىدى. چۈنكى خىتايغا ئوخشاشلا قارا نىيەت، تاجاۋۇزچى بولغان رۇسلار، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزلىرى بېسىۋالغان غەربىي تۈركىستان زېمىنىدىكى تۈرك مىللەتلىرىگە ئۆرنەك بولۇپ قېلىشىدىن بەكلا قورقاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسلارنىڭ شۇم نىيىتى ئاللىقاچان بۇزۇلغان ئىدى.

خوجىنىياز ھاجىم يېڭىساردا تۇرۇۋاتقان مەھمۇد مۇھىتىغا سابىت داموللام قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرىنى قولغا ئېلىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. مەھمۇد مۇھىتى قول ئاستىدىكى غۇپۇر تۇەنجاڭغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. غۇپۇر تۇەنجاڭ 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 200 ئادىمىنى باشلاپ يەكەنگە بېرىپ سابىت داموللاملارنى قولغا ئالىدۇ. سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارىھاجىملار ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ، 2-تۈرمىگە قامالغان.

شۇنداق قىلىپ دۇنيادا تۇنجى قېتىم سابىت داموللام رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان ياش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بەش ئاي ئۆمۈر كۆرگەندىن كېيىن، يېرىم مۇستەملىكە دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي باشلىق، خوجىنىياز ھاجىم مۇئاۋىن باشلىق بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت» قۇرۇلىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئارمىيەسى خىتاينىڭ دۆلەت ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ فورمىسى كىيدۈرۈلۈپ، مەھمۇد مۇھىتى قوماندانلىقىدا، قەشقەر گارنىزون قوماندانى ۋە 6-ئاتلىق ئۇيغۇر دىۋىزىيەسىنىڭ كوماندىرى دېگەن نام بىلەن قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىدى.

1937-يىلى ئىستالىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قول تىقىشى بىلەن خوجىنىياز ھاجىم تۇتقۇن قىلىنىپ، 1938-يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ. شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىمنى تۇتقۇن قىلىشتىن بۇرۇن، 1937-يىلى مەھمۇد مۇھىتىنىمۇ ئالداپ، ئۈرۈمچىگە يىغىنغا تەكلىپ قىلىش باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلماقچى بولىدۇ. بۇنى سېزىپ قالغان مەھمۇد مۇھىتى ئامالسىز قېلىپ، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاز بىر قىسىم ئادەملىرى بىلەن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

 مەھمۇد مۇھىتى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيەسى قوماندانسىز قالىدۇ. مانا مۇشۇنداق جىددىي ۋە ئۈمىدسىز ۋەزىيەتتە ئابدۇنىياز كامال ئوتتۇرىغا چىقىپ شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنى يەكەننىڭ كاچۇڭ دېگەن يېرىگە يىغىدۇ. يىغىلغان ئارمىيەنىڭ باشلىقلىرى كاچۇڭدا چوڭ بىر ئو ئوفىتسېرلار يىغىنى ئاچىدۇ. بۇ يىغىندا ئەقىل، قابىلىيەت ۋە باتۇرلۇقتا كۆزگە كۆرۈنگەن ئابدۇنىياز كامالنى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىردەك ئاۋاز بىلەن مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا سايلاپ چىقىدۇ. بۇ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىدى.

 ئابدۇنىياز كامال 1910-يىلى تۇرپان ۋىلايىتىدە كامال ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنى مەھمۇد مۇھىتىغا 1930-يىللاردا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901-1933) تونۇشتۇرغان ئىدى. مەھمۇد مۇھىتى 1937-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئابدۇنىياز كامال يېڭىساردا تۇرۇۋاتقان 3-تۇەن 1-ليەننىڭ ليەنجاڭى بولۇپ، ياپچان، ھاراب قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايلارنىڭ ئامانلىق، چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىدى.

ئابدۇنىياز كامال شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئارمىيەنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ليەنجاڭلارنى تۇەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ۋاقتىدىكىدەك تۆت پولكقا ئايرىپ تەڭ تەقسىم قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن دىۋىزىيە بويىچە ھەممەيلەننى يېڭى پولك، ليەنلەر بويىچە كەڭ دالىدا سەپراس قىلىپ، ئۆزى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ سۆز قىلىدۇ. ئۇ ئاخىرىدا: «بىز كىم ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمىز؟» دەپ سورايدۇ. ھەممە ئەسكەرلەر بىردەك: «ۋەتەن ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ يەنە: «ۋەتەن بىزنىڭ نېمىمىز؟» دەپ سورايدۇ. ئەسكەرلەر، «ۋەتەن بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، ئاكا-ئىنىمىز، ئاچا-سىڭلىمىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ: «شۇنداق ۋەتەن بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز، بىز ۋەتەننىڭ ئەۋلادلىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇشتا خەلقىمىزنىڭ بىر تال يىپ چاغلىق نەرسىسىگە تېگىشكە، خوتۇن-قىزلىرىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ. كىمدە كىم خىلاپلىق قىلىدىكەن، ھەربىي قانۇن بويىچە ئېتىپ تاشلىنىدۇ» دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئاندىن يېڭى 1-پولكقا كېچىلەپ يۈرۈش قىلىپ يەكەننى ئازاد قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.

ئابدۇنىياز كامال رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىگە قارشى رەسمىي ئۇرۇش باشلاپ يەكەنگە يۈرۈش قىلىدۇ.

 شۇ چاغدا يەكەندە بىر ليەن خىتاي ئەسكىرى بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنى كۆرۈپ قارشىلىق قىلمايلا تەسلىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر شەھەر، مەكىت بىلەن پوسكام قاتارلىق ئىككى ناھىيە ئابدۇنىياز كامالنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. بۇ غەلىبىدىن كېيىن باش قوماندان ئابدۇنىياز كامال شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابىنى يەكەن شەھىرىگە قۇرىدۇ.

 ئابدۇنىياز كاماللار مەسلىھەتلىشىپ شېڭ شىسەيگە، «ئابدۇنىيازنىڭ قوماندانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنى قەشقەردىن يەكەنگە يۆتكەپ ئېلىپ كېتىش، قىسىم تەمىناتىنى ھۆكۈمەتتىن بېرىش» قاتارلىق تەلەپلەرگە قوشۇلسا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندايمىز، دەپ تەلەپ قويىدۇ.

 چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا شېڭ شىسەي نامدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆكۈمرانى بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. شېڭ شىسەيگە قارشى چىقىش دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى چىقىش دېمەك بولاتتى. بۇ ۋەزىيەتنى ياخشى بىلگەن ئابدۇنىياز كاماللار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزلىرىگە ئۇيغۇن پۇرسەت كەلگۈچە ئۆزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.

ئىستالىننىڭ قورچاق ھۆكۈمەت باشلىقى شېڭ شىسەي ئۇ تەلەپلەرگە قوشۇلماي، خوتەندە تۇرۇۋاتقان ما خۇسەنگە: «سەن ئابدۇنىياز قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورالسىزلاندۇرساڭ مەن ساڭا ياردەم قىلسام» دەپ تېلېگرامما بەرگەن. ما خۇسەن ماقۇل دەپ قۇيۇپ ئابدۇنىيازغا ئەلچى ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەينىڭ تېلېگراممىسىنى يەتكۈزگەن ۋە «ئىككىمىز بىرلىشىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرساق» دەپ تەكلىپ بەرگەن.

 بۇ ئىنتايىن قالايمىقان ۋە ئېغىر ۋەزىيەتتە ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قوماندانلار نەچچە كۈن كېڭەشكەندىن كېيىن، ئاخىرى ما خۇسەن بىلەن بىرلىشىشكە قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇنىياز، ما خۇسەن بىلەن بىرلىشىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ما خۇسەن ئەسكەرلىرىدىن 300 نى ئابدۇنىيازنىڭ قوشۇنىغا قوشۇپ بېرىدۇ. ئابدۇنىياز بىلەن ما خۇسەن كېڭىشىپ، ما خۇسەن 1500 ئەسكىرى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ يېڭىشەھەردىكى لىيۇ بىن قىسىملىرىغا، ئابدۇنىياز 1300 ئەسكىرى بىلەن قەشقەر يۇمىلاق شەھەردىكى قۇربان سەئىدى قىسمىغا ھۇجۇم قىلىشقا كېلىشىدۇ.

 ئابدۇنىياز كامال قايتا-قايتا ئويلىنىپ سوۋېتنىڭ بۇ ئۇرۇشقا ئارىلىشىدىغانلىقىنى پەملەپ ئاخىرقى قېتىم قەشقەردىكى سوۋېت ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرىدۇ. ئۇ سوۋېت ئەلچىسىگە: «سوۋېت ئىتتىپاقى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ باش پاناھى، شۇڭا ئاشۇ شوئارىغا ئاساسەن بىزگە ياردەم بەرسە، بىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئەمەس، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست ئۆتۈشنى خالايمىز. ئەگەر ياردەم بېرىشنى خالىمىسا بىتەرەپ بولۇپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن مەزمۇندا خەت كىرگۈزىدۇ.

 ئابدۇنىياز 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى يەكەندىن قوشۇنىنى باشلاپ قەشقەرگە ئاتلىنىپ 29-كۈنى دۆلەتباغقا يېتىپ كېلىدۇ ۋە مەسلىھەتچىسى ئابدۇقادىر ھاجىمنى يازغان

خەتنىڭ جاۋابىنى ئېلىشقا ئەۋەتىدۇ. سوۋېت ئەلچىسى: «ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيمىز ھەم ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمايمىز، بۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىچكى ئىشى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئابدۇنىياز بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن: «سوۋېتنىڭ بىزگە ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئۇلار شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ سىناپ باقتىم» دېگەن.

ئابدۇنىياز قىسىملىرى يۇمىلاقشەھەر سېپىلىنى قورشاپ ھۇجۇمنى باشلىغاندا، مەۋلانوف يارباغ تۈرمىسىدىكى مەمتېلى تەۋپىق (1901-1937)، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى (1876-1937) قاتارلىق 300 دىن كۆپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىگۇناھ مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرىنى غالجىرلىق بىلەن قىرغىن قىلىپ، جەسىتىگە ياغ چېچىپ ئوت قويۇۋېتىپ، يېڭىشەھەرگە قېچىپ كېتىدۇ.

 ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن يۇمىلاقشەھەردىكى قۇربان سەئىدى قىسمىدىكى بىر قىسىم جەڭچىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئابدۇنىياز ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىماي، سېپىلدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ، ئابدۇنىياز قىسىملىرىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.

 مۇشۇ كۈنلەردە، 1937-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى شېڭ شىسەينىڭ 10 ماشىنا ئەسكىرىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەنلىك خەۋىرى كېلىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇنىياز بىلەن ما خۇسەن مۇزاكىرە قىلىپ، «ما خۇسەن قەشقەردە قېلىپ شەھەرنى مۇھاسىرە قىلىش، ئابدۇنىياز 1400 ئەسكەرنى باشلاپ (300 ئى تۇڭگان) مارالبېشىغا بېرىپ ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنى توسۇش» نى قارار قىلىدۇ. قارارغا بىنائەن ئابدۇنىياز كامال 1937-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى قەشقەردىن يولغا چىقىپ 7-كۈنى مارالبېشىغا يېتىپ كېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ 10 ماشىنىدا كەلگەن (تەخمىنەن 400) ئالدىن يۈرەر قىسمىنى يوقىتىپ مارالبېشىنى ئازاد قىلىدۇ.

ئۇلار يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاقسۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلىشىپ ئاساسى قىسمىنى مۇداپىئەدە تۇرغۇزىدۇ. ئاقسۇنىڭ ئايكۆل دېگەن يېرىگە بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن قىسمىنى قايتا تەشكىللەپ بىر تۇەننى قۇمباشقا، بىر تۇەننى ئاۋاتقا، بىر تۇەننى غورىچۆلگە، بىر تۇەننى دەريا بويىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. داۋۇت قارى ئىسىملىك ليەنجاڭنى 100 ئەسكەر بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىش ئۈچۈن كۇچا، شايارلارغا ئەۋەتىدۇ. داۋۇت قارى بەكمۇ تەدبىرلىك ئادەم ئىدى. ئۇ قىسقا ۋاقىتتا ئەسكەرلىرىنى 500 گە يەتكۈزۈپ ئۇلارنى قاتتىق تەربىيەلەپ، شايار، كۇچا، بۈگۈر، قاراشەھەرلەردە غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ بىر ئىنىسىنى كۇچادا ئەسىر ئېلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. دۈشمەن ئارقا سېپىنى پاراكەندە قىلىپ، شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنى ھۇجۇممۇ قىلالمايدىغان ياكى چېكىنەلمەيدىغان، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

 بۇ جەرياندا ئابدۇنىياز كامال رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ، 8000 مىڭدىن ئېشىپ يەتتە تۇەنگە كېڭىيىدۇ. ئەمما ئەسكەرلەرنىڭ قورال، ئوق-دورىلىرى كەمچىل بولۇپ، 8000 مىڭ ئەسكەرنىڭ قولىدا 1500 ئەتراپىدا قورال بار ئىدى.

داۋامى بار...

 

- «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابتىن قىسقارتىپ تەييارلاندى.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1647 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2020 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق