گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، « كانادا خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەيدۇ»دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو 11-نويابىر: «خىتاي دائىم كاناداغا بېسىم ئىشلەتسەكلا، بىزگە يول قويىدۇ دەپ ئويلايدۇ، بىراق بىزنىڭ مەيدانىمىز ئۇنىڭ ئەكسى»دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ترۇدو دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلغان بايدىن بىلەن تېلېفون سۆھبىتى قىلغان. ئىككى تەرەپ ئىككى كانادالىقنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە سولانغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. ترۇدو بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىپ ئىشلىتىپ ئىككى كانادا پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خۇاۋېينىڭ قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېينىڭ قىزى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى خۇاۋېينىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋانكوۋېردا ئايروپىلان ئالمىشىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان ، كانادا ساقچىلىرى مېڭ ۋەنجوۋنى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قولغا ئالغان. مېڭ ۋەنجوۋ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ دېلو سەۋەبلىك كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە جىددىيلىك پەيدا بولغان. مېڭ ۋەنجۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، خىتاي كانادانىڭ سابىق دىپلوماتى مايكول كوۋرىگ ۋە سودىگەر مايكېل سپاۋورنى قولغا ئالغان. تاشقى دۇنيا ئادەتتە بۇ ئىككى كىشىنىڭ قولغا ئېلىشنىڭ مېڭ ۋەنجوۋ دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان بولسىمۇ بىراق خىتاي بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان.