ئەنگلىيە خىتاي تەھدىتى سەۋەبلىك چەتئەل مەبلىغىنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئەنگلىيەنىڭ مەبلىغىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلغان. قانۇن لايىھەسىدە، دۆلەت مۇداپىئەسى ، قاتناش ، خەۋەرلىشىش ۋە تېخنىكا قاتارلىق سەزگۈر كەسىپلەرگە مەبلىغىنى سالماقچى بولغان شىركەتلەردىن سالماقچى بولغان مەبلەغنى ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. يېڭى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى 30 كۈن ئىچىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ دەپ، قارالغان سودىنى چەكلەيدىكەن ياكى شەرت قويىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرى ، ئامېرىكا ، ئاۋسترالىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. ئۇلار خىتاي پەن-تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېيغا ئوخشاش چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تەسىرىدىن ئەنسىرىگەن. خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى پايچەك بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارالىق سېتىۋېلىشقا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

ئەنگلىيە سودا مىنىستىرى ئالوك شارما بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئەنگلىيە يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى ، بىز بۇ ئورۇننى ساقلاپ قېلىشنى خالايمىز. لېكىن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىگە يول يوق»دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جەرىمانە ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، 10 مىليون فوندستېرلىڭ (13 مىليون 300 مىڭ دوللار) جەرىمانە قويۇلۇشى ياكى جەرىمانە شىركەتنىڭ يەرشارىدىكى كىرىمىنىڭ % 5 گە باراۋەر بولۇشى كېرەك ئىكەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ، ھەم چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش بېسىمىغا ، ھەم دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى قوغداش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 982 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2020 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق