فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تېيا بانخ (Tea Banh)فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا مەبلەغ سالغان ئىككى ئورۇندىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا چېقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئامېرىكىنىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى تەنبىھ بېرىپ ، كامبودژانىڭ ھەرىكىتى ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كامبودژا دائىرىلىرى بۇ يىل 9-ئايدا جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى رېئام دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىكى ئامېرىكا مەبلەغ سالغان «دۆلەتلىك دېڭىز بىخەتەرلىك كېڭىشى تاكتىكىلىق قوماندانلىق ئىشتابى» نى چېقىۋەتكەن. بۇ يىل ئۆكتەبىردە بولسا، 2017-يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن رېمونت قىلىنغان يۈنراڭ بازىسىدىكى ئەسلىھەلەر بۇزۇۋېتىلگەن.
ئامېرىكىنىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى چاد رودېمېيېر فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا:«بىز كامبودژا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا مەبلەغ سالغان يەنە بىر دېڭىز بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى چۈشەندۈرۈش بەرمەي چېقىۋەتكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق»دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا تەرەپ ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ كامبودژا دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېقىپ تاشلاش ھەرىكىتى يۈنراڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ خىتاي ھەربىي مۈلكى ۋە خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن، بىراق دىبان كامبودژانىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ، ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئۇقتۇرۇش مەجبۇرىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، يۈنراڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى تايلاند قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ ، جەنۇبىي دېڭىزغا تۇتىشىدىكەن. بۇ يەردىكى مۇھىم دېڭىز تىرانسپورت سۇ يولى نۇرغۇن دۆلەتلەر كەسكىن تالاش-تارتىش قىلىدىغان ئورۇن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «ۋال كوچىسى گېزىتى» ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن كامبودژانىڭ خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئدېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئىشلىتىش مەخپىي كېلىشىم لايىھەسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.