گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سەككىز قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئۆنۈمى بولمىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ۋە ھىندىستان ئارمىيەسى لاداخنىڭ شەرقىدە بازا قۇرغان بولۇپ، لاداخ تېغى ھىمالايا تېغى بىلەن چېگرالىنىدىغان رايون بولۇپ ، ئۇ يەنە ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسىغا چېتىلىدىغان رايون ئىكەن. ھىندىستان بىلەن خىتاي ھەربىي ئوفىتسېرلىرى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى چېگرادىكى چۇسۇل كەنتىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ، رايونغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلغان. سۆھبەت جەريانىدا ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى (LAC) ئەتراپىدىكى رايوندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى يوققا چىققان. ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى (LAC) ھىندىستان ۋە خىتاينىڭ كۈچى ئاستىدا شەكىللەنگەن چېگرا لىنىيە ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ قوماندانلىرى سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغانلىقى ۋە ئۇقۇشماسلىق ۋە خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىشى، چېگرا رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئورتاق قوغدايدىغانلىقى بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قاتمال ھالەتنىڭ بوشاش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن. ھەر ئىككى ئارمىيە رايوندىكى ھەربىي تەييارلىقنى كېڭەيتىش ۋە ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا تەييار ئىكەن. يېڭى دېھلى جەۋاھارلال نېھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى (Srikanth Kondapalli) گېرمانىيە مۇخبىرىغا: «ھازىرغىچە ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سەككىز قېتىملىق سۆھبەت ئەسكەر چېكىندۈرۈش ياكى جىددىيلىكنى پەسەيتەلمىدى. نۆۋەتتىكى ھەربىي تىركىشىش ھەر ئىككى تەرەپكە بېسىم ئېلىپ كەلدى. قارىغاندا خىتاي ئىككى قوشۇننىڭ تىركىشىشىدىن پايدىلىنىپ ھىندىستان ئارمىيەسىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.
يېڭى دېھلى خىتاي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئالكا ئاچاريا مۇخبىرغا : « ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، يول قويۇشنى خالىمىدى. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ بىرى يول قويسا ئۆزىنىڭ ھەقسىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولىدۇ. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرماقتا»دېگەن.