شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بايقالمىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، 11-نويابىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بايقالمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 41 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 21 بىمار قەشقەردە، ئۈچ بىمار ئاتۇش ئوبلاستىدا ئىكەن. ئۈچ بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 268 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 251 بىمار قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە، قالغان 17 بىمار قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئىكەن.

10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە، يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىن 37 بىمارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، دوختۇرخانىدىن چىققان. ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىن 84 كىشى ئايرىپ كۆزىتىلىش ئورنىدىن بوشىتىلغان.

بۇ خەۋەر 2542 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2020 13:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق