سابىت داموللام ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (2)

سابىت داموللام ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (2)

 

سابىت داموللام مۇشۇ چاغدا مىسىرنىڭ قاھىرەدە ئەرەب تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «مانار» (ماياك) ژۇرنىلىغا بىرنەچچە پارچە خەت ۋە خەۋەر يېزىپ، ئۇلاردىن مەنىۋى ياردەم سورىغان. «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» دېگەن ماقالىسىدە خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى قومۇل ئىنقىلابىدىن تارتىپ، خوتەن، قەشقەرلەردىكى قوزغىلاڭ ۋە ئىنقىلاب پائالىيەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى، جەريانىنى ۋە مۇددىئاسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. بۇنى «مانار» ژۇرنىلىنىڭ ھىجرىيە 1352-يىلى رامىزان ئېيىدا، مىلادى 1933-يىلى 12-ئايدا نەشر قىلىنغان 6-سانىدا، سابىت داموللامنىڭ ئاپتورلۇقىدا ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» دېگەن تەپسىلىي خەۋەرگە ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭ يازغان كىرىش سۆزىدىن ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

دۆلەت قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ئېچىلغان «قۇرۇلتاي»

ۋاقتى-سائىتى كېلىپ ھىلال ئەھمەر جەمئىيىتىدە سابىت داموللام رىياسەتچىلىكىدە چوڭ قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي بىرقانچە باسقۇچلۇق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرى نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشى ۋە ئۇنىڭغا كېتەرلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا جىددىي كېڭەشكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا ھەممە بىردەك، دۆلەت نامىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دەپ بېكىتىشكە قارار قىلىدۇ. قۇرۇلتاي تولۇق بىر كۈن داۋاملىشىدۇ. ئەتىسى ھەربىي ۋە مالىيە ئىشلىرىغا ئالاقىدار رەھبەر ۋە قوماندانلار توپلىنىدۇ. ئۇلار بىرىنچى قارار بويىچە، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق ئىمزالىرىنى قويۇشىدۇ، تامغا-مۆھۈرلەر بېسىلىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندان ئوفىتسېرلىرىنىڭ سانى 35 كىشىگە يېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن باشتا نەدىم بەگ ئورنىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرىغا كېلىپ، شىرە ئۈستىدىكى قۇرئان كەرىمنى قولىغا ئېلىپ: «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم، ئۇشبۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن دۆلىتىمىزگە سادىق بولىمەن، ۋەتىنىمگە، دىنىمغا خىزمەت قىلىمەن، دۆلىتىمگە خىيانەت قىلماسلىق ئۈچۈن قەسەم قىلىمەن» دەپ قۇرئان كەرىمنى سۆيۈپ، پېشانىسىگە تەگكۈزۈپ، شىرە ئۈستىگە قويىدۇ. ئارقىدىن بارچە قوماندانلار بىر-بىرلەپ كېلىپ، قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ قەسەم بېرىدۇ. دۇئا-تىلەكلەردىن كېيىن بىر-بىرىنى مۇبارەكلىشىپ، ئەتىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن خوشلىشىپ قايتىشىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

سابىت داموللام 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈمەن دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقى بىلەن ھازىرقى كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى بوشلۇقتا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلايدۇ. بۇ كېچىنى «مىللەت كېچىسى» دەپ ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئون ئالتە مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرلىرىنى بېكىتىدۇ. دۆلەت ئاتىسى سابىت داموللام قۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باياننامىسى تۆۋەندىكىچە :

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ باياننامىسى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم؛

ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەم مېھرىبانلىقىغا ۋە رەئىسى جۇمھۇر خوجىنىياز ھاجى ئىبنى ئەمىن نىياز ھاجىم ۋە ھەزرەتلىرىنىڭ سالاھىيەتلىك ۋەكىللىرىنىڭ ئىتتىپاقى ۋە پۈتۈن لەشكىرى ئىسلام باشلىقلىرى، قوماندانلىرىنىڭ ۋە بارچە خەلقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە سۆيۈنۈپ، مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى تۆۋەندە بايان قىلىنغان تەرىقىدە قۇرۇلدى:

دۆلەت ئىسمى-شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى.

دۆلەت بايرىقى-ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق.

دۆلەت قانۇنى-قۇرئان كەرىم ئاساس قىلىنىدۇ.

دۆلەت گېربى-ئوتتۇرىسىغا «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» دەپ يېزىلغان، ئىككى باش بۇغداي ئوتتۇرىسىغا ئېلىنغان ئاي يۇلتۇز.

ھۆكۈمەتكە سايلىنىدىغانلار ھەر بىر ئادەم 16 ئادەمنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىش. شۇنداق قىلىپ جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلانغان كىشىلەر:

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىكىگە خوجىنىياز ھاجىم (قۇمۇل)

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش ۋەكىللىكىگە (باش مىنىستىر) سابىت ئابدۇلباقى كامالى (ئاتۇش)

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا زىرىپ قارى ھاجىم (قەشقەر ئۆزبېك)

دۆلەت ئارمىيەسى باش قوماندانلىقىغا مەخمۇت مۇھىتى (تۇرپان)

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە ئۇزاربېك (قىرغىز)

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە يۇنۇسبەگ سەييىدزادە (تۇرپان)

خارجى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاسىمجان ھاجىم (خوتەن)

مالىيە مىنىستىرلىكىگە ئېلى ھاجىم (ئاتۇش)

مائارىپ مىنىستىرلىكىگە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (قەشقەر)

سەھىيە مىنىستىرلىكىگە ئابلاخان (ئۆزبېك)

ئەۋقاپ مىنىستىرلىكىگە شەمشىدىن داموللام (ئاتۇش)

سودا ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىگە ئوبۇل ھەسەن ھاجىم (ئاتۇش)

باش مىنىستىرىنىڭ باش كاتىپلىقىغا مۇھەممىدىن ھاجىم (قەشقەر)

ھەربىي تەمىنات قىسمى (ئارقا سەپ) سۇلتانبېك (ئۆزبېك)

مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىغا يۈسۈپجان (ئۆزبېك)

قاتارلىق 16 ئادەم سايلاندى.

باش مىنىستىر سابىت داموللامنىڭ خىتابى

باياننامە ئوقۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئاتىسى، باش مىنىستىر سابىت داموللام ئومۇمىي خەلققە قاراپ تۆۋەندىكى خىتابنامىنى ئوقۇيدۇ:

- ئەزىز مىللىتىم، مۆھتەرەم ۋەتەنداشلىرىم، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا، پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇدى بىناھايەت بولسۇنكى، دۆلىتىمىز قۇرۇلدى!...

باش ۋەكىل سابىت داموللامنىڭ يالقۇنلۇق خىتابى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ سۆزگە چىقىپ تەنتەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئۆز تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈشىدۇ. ئارقىدىن شادلىق مۇراسىمى باشلىنىپ مىللىي مۇزىكا چېلىنىشقا باشلايدۇ. 41 پاي توپ ئوقى ئېتىلىدۇ. توپ ئېتىلغان ھامان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي كۆك بايرىقى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، كۆك باغرىدا لەپىلدەشكە باشلايدۇ. بىر تەرەپتە ئوقۇغۇچىلار بىر ئاۋازدىن:

ئوردىمىز ئالتۇن ئوردۇ

بايرىقىمىز كۆك بايراق

تۈركىستان تۈرك يۇردۇ

تۈركنىڭ ئولاجاق

دېگەن دۆلەت مارشىنى ئوقۇشۇپ، دەردلىك كۆڭۈللەردىكى غايىلەرنى ياڭراق ئاۋازلىرى بىلەن ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ تۇرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بۇ كۈن تاجاۋۇزچى، ئىشغالچى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى يۇتۇۋېلىش خام خىيالى مەڭگۈگە بىتچىت بولغان، جەڭگىۋار ئەجدادىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان تىز پۈكمەس ئىرادىسى ئۆزىنى نامايان قىلغان، ھەققانىي دەۋايىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى يارىتىلغان بىر كۈن بولىدۇ.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى سابىت داموللام شىۋېتسىيە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىنىڭ قۇتلۇق ھاجى باش مۇھەررىرلىكىدىكى باسمىخانىسىدا شەرقىي تۈركىستان ھەپتىلىك گېزىتىنى (بەزىلەر «يېڭى ھايات گېزىتى» دەيدۇ) چىقىرىدۇ. يېرىم ئايدىن كېيىن «مۇستەقىللىق» ئايلىق ژۇرنىلى چىقىرىلىدۇ. ژۇرنالغا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مۇھىم ھۆججەتلەر بېسىلىدۇ، جامائەت پىكرى تەييارلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرگە جىددىي تۇتۇش قىلىدۇ ۋە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئافغانىستان، تۈركىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن ئەلچىلەر، تىجارەتچىلەر، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىدۇ.

«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دېگەن خەت يېزىلغان قەغەز پۇل ۋە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس قاتارلىق مېتاللاردىن مېتال پۇللار بېسىپ تارقىتىلىدۇ. «ئىستىقلال» مەجمۇئەسى ئىسىملىك يېرىم ئايلىق ژۇرنال نەشر قىلىنىدۇ. بۇ مەجمۇئەنىڭ شوئارىنى «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» دەپ بېكىتىدۇ. دۆلەتنىڭ تەشكىلى، ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ يېڭى «دۆلەت» خوتەنلىك قاسىم ھاجى دېگەن كىشىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەپ دەرھال چەت ئەلگە يولغا سېلىپ، قورال سېتىۋېلىش، باشقا دۆلەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ئەۋەتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ياۋروپادا تۇنجى قېتىم فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ رەسمىي گېزىتى بولغان Le Temps گېزىتىنىڭ 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنكى باش بېتىدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» (La Repuplique du Turkestan de I’est) دېگەن تېمىدا ئۇزۇن بىر ماقالە ئارقىلىق خەۋەر قىلىدۇ.

 سابىت داموللام بۇ يېڭى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىش ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ قاراپ، ئىككى جەھەتتىن تەييارلىق قىلىدۇ. بىرى، چەت ئەلنىڭ ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سابىت داموللام تۇرسۇن ۋە نىياز دېگەن ئىككى كىشىنى ئۆزىنىڭ ئافغانىستان پادىشاھى مۇھەممەد نادىرخانغا يازغان خېتىنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىدۇ. يەنى بىرى، ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىش ئۈمىدىنى ئاقسۇدا تۇرۇۋاتقان خوجىنىياز ھاجىم بىلەن مەھمۇد مۇھىتىغا باغلايدۇ.

شۇ كۈنلەردە قەشقەردە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقىلىدۇ. ئاز كۈندىن كېيىن خوجىنىياز ھاجىم ۋە مەھمۇد مۇھىتىلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن ئاۋۋال ئاتۇشقا چۈشۈپ ئاندىن قەشقەرگە قەدەم باسىدۇ. باش مىنىستىر سابىت داموللام باشلىق ھەرقايسى مىنىستىرلار، قوماندانلار ئاتۇشقا بېرىپ خوجىنىياز ھاجىملارنى كاتتا تەنتەنە ۋە دەبدەبىلەر بىلەن لايىقىدا قارشى ئېلىپ، پايتەخت قەشقەر شەھىرىگە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇلارنى كۆرگەن پۈتۈن خەلق خۇرسەن بولۇشىدۇ. بۇ 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىدى.

خوجىنىياز ھاجىملار كەلگەندىن كېيىن ئوردىدا مەجلىسلەر ئېچىلىپ، يېڭى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش قارار قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇد مۇھىتى قوماندانلىقىدا يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش بەكمۇ شىددەتلىك بولغان. يېڭىشەھەر سېپىلىگە قاپسىلىپ قالغان تۇڭگانلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان دەل بۇ ۋاقىتتا، ما جۇڭيىڭ ئەۋەتكەن 2000 كىشىلىك ياردەمچى قوشۇن ما شىمىڭ باشچىلىقىدا قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرگە تۇڭگان يېغىپ كېتىپ، قەشقەردە ما جەنساڭ، ما شىمىڭ ۋە ما شاۋۋۇلارغا قاراشلىق ئەسكەر 6000 غا يېتىدۇ. بۇ خىل كۈچ پەرقى قەشقەر ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. 1934-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ما شىمىڭ ما جەنساڭ بىلەن بىرلىشىپ قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

داۋامى بار...

 

-     «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابتىن قىسقارتىپ تەييارلاندى.

 

 

بۇ خەۋەر 2096 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2020 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق