شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتاي- ھىندىستان مۇناسىۋىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمىغان مەيدانى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى چەكتى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ يىغىندا كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ مۇھىملىقىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەشكىللىگۈچى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلەپ، «بىز دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشىمىز ، يۇقۇمنىڭ سىياسىيلىشىشى ۋە سىياسىي ۋىرۇسقا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن. يىغىندا يەنە، ئېنىقلا ئامېرىكىغا قارشى مەيدان ئىزھار قىلىنغان بولۇپ، تىرامپنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى ۋە سايلام جەريانىدا «خىتاي ۋىرۇسى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ۋىرۇسىنى خىتاينىڭ بېشىغا ئارتىپ قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىندا شى جىنپىڭ يەنە، «ھەر قانداق باھانە بىلەن تاشقى كۈچلەرنىڭ شاڭخەي تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنى قايتا تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭ سۆزىنىڭ ئاخىردا«خىتاينىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىمۇ خىتايغا موھتاج»دېگەن.

گەرچە شى جىنپىڭ «بىز ئاكتىپلىق بىلەن ھەر خىل تاراتقۇلاردا پايدىلىنىپ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ يىغىن كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىنمىغان ئەكسىچە ، ھىندىستان باش مىنىستىرىنىڭ يىغىندىكى خىتايغا قارىتىپ قىلغان سۆزلىرى مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى يىغىندا «بەزى دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ ، ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەرنى كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈشكە ئۇرۇندى. ھىندىستان ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، بىر-بىرىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ھىندىستاننىڭ كەشمىرنى كونترول قىلىشىنى ئوتتۇرا تېررىتورىيەگە كىرگەرتىشى زور تالاش-تارتىش قوزغىغان. كېيىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستان پاكىستاننىڭ كەشمىرنى كونترول قىلىشىنىڭ بىر ئۆلكە قاتارىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 932 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2020 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق