يېڭى زېلاندىيەدە ئۇيغۇر ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ «Planet FM»، يەنى «پلانېتا ف م» رادىيو ئىستانسىسى كۆپ خىل مەدەنىيەت، ئېتىقاد، كۆز-قاراش ۋە تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىنگلىز تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىئو بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ قۇتلۇق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا بۈگۈن 11 – نويابىر كۈنى ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش رەسمىي باشلاندى.

يېڭى زېلاندىيەدىكى رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەت خانىم يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا ف م» رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ مەسئۇل خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا ف م» رادىيوسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش تەستىقلانغان. شۇنداقلا مەزكۇر رادىيونىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشىدىن يېرىم يىلغىچە ھەق ئالماسلىق ئېتىبارىمۇ بېرىلگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا ف م» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم، چارشەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:20 دە، يېرىم سائەت ئاڭلىتىلىدىكەن. پروگراممىدا «مىراس»، «يېڭى ھايات»، «تارىم غۇنچىلىرى» سەھىپىلىرى تەسىس قىلىنغان. پروگرامما ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى جانلاندۇرۇشنى نىشان قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش، «پلانېتا ف م 104. 6» رادىيو چاستوتىسى ۋە «پلانېتا ف م 104. 6» رادىيو تور بېتى ئارقىلىق ئاڭلىتىش بېرىدۇ.

مەزكۇر پروگرامما يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن يۇتۇبې قانىلىدىمۇ ئېچىلغان بولۇپ، يەنە «ۋۇييۇ مېدىئا» قانىلى ئارقىلىقمۇ تەكرار بېرىلىدىكەن

پروگرامما باش تەھرىرى جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندىمنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، ھازىرچە «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خالىسانە پىداكارلىقى بىلەن ئاڭلىتىشنى باشلىغان.

«ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» نىڭ ئاۋسترالىيەدىكى مۇخبىرى رەنا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى ۋە مۇھاجىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بېرىدىغان مەزمۇنلاردا پروگرامما بېرىشنى ئاساس قىلىدىكەن.

ئاخبارات ساھەسىگە يېڭىدىن قەدەم تاشلىغان «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» غا ۋە تەييارلاش جەريانىدا جاپا چەككەن بارلىق خادىملارغا مۇۋەپپىقىيەتلەر تىلەيمىز!

بۇ خەۋەر 5489 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2020 11:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق