پىرېزىدېنت ئەردوغان بارات ئالبايراقنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى

پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى بارات ئالبايراق (Berat Albayrak)نىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلدى.

پىرېزىدېنتنىڭ خەۋەرلىشىش ۋە ئالاقە باشقارمىسىنىڭ يازما باياناتىدا، بارات ئالبايراقنىڭ 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەردىن بىرسى بولغان پارلامېنت تۈزۈمىدىن پىرېزىدېنتلىق (باشقانلىق) سىستېمىسىغا ئۆتكەندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتنىڭ 66-ھۆكۈمىتى بولغان پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان ھۆكۈمىتىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، شۇنىڭدىن باشلاپ مالىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «رايونلۇق ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك سىياسىي كىرىزىس بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ۋىرۇسى (koronavirüs)نىڭ تەسىرى سەۋەبلىك ھەتتا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھالقىلىق بىر مەزگىلدە، مالىيە مىنىستىرى بارات ئالبايراقنىڭ غەيرىتى بىلەن دۆلىتىمىز بۇ كىرىزىستا ئەڭ ئاز زىيان بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. بارات ئالبايراقنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىسى پىرېزىدېنتىمىزنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. مەلۇم بولغاندەك، مالىيە مىنىستىرى بارات ئالبايراق 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى (يەكشەنبە) كەچتە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن بىرسىدە ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىكى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا ئەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. پىرېزىدېنتىمىز بارات ئالبايراقنىڭ بۇ ئىستېپاسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى. خەلقىمىزنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلگەن.

بارات ئالبايراق 1978-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ كۈيئوغلى. بارات ئالبايراقنىڭ ئىستېپاسىدىن كېيىن مالىيە مىنىستىرلىكىگە لۈتفى ئېلۋان (Lütfi Elvan) بولۇپ تەيىنلەندى.

بۇ خەۋەر 923 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2020 11:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق