ئامېرىكا خوڭكوڭنىڭ يەنە تۆت ئەمەلدارىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئاپتونومىيە سىياسىتىگە تەھدىت سالغان تۆت ئەمەلدارنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

باياناتتا: «خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرى سىياسىي مەقسەت بىلەن قولغا ئېلىش ئارقىلىق، خوڭكوڭغا ۋەدە قىلىنغان ئاپتونومىيە ۋە ئەركىنلىككە داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېيىلگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تۆت ئەمەلدار خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خوڭكوڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇلى مۇئاۋىن باشلىقى، خوڭكوڭ ساقچى باشقارمىسى دۆلەت بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ساقچىسى ۋە خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىقلار ئىكەن.

يۇقىرىقى قارارغا ئاساسەن، مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشى چەكلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ياكى ئامېرىكا ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى كونتروللۇقىدىكى مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدىكەن.

خوڭكوڭ مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى جاڭ جيەنزوڭ بۈگۈن ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ جازاسىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خوڭكوڭنىڭ، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بۇ يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ خوڭكوڭ نۇسخىسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خوڭكوڭغا بېرىلگەن ئالاھىدە ئورۇنلۇق ئىمتىيازىنى ۋاقتىنچە توختاتقان. 8-ئايدا خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتى باشلىقى كەرىي لام قاتارلىق خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ 11 ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 886 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2020 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق