لىتۋانىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنى قوللاشقا ۋەدە بەردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيەنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمىتى 9-نويابىر بىردەك قارارغا كېلىپ، تەيۋەن ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشچە، خىتاي لىتۋانىيەدىكى ئاساسلىق پورتقا يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلار قاتارىدىن بولۇپ، لىتۋانىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماي كەلگەن ئىدى.

لىتۋانىيەنىڭ ۋەتەن ئىتتىپاقى، ئەركىنلىك ھەرىكىتى پارتىيەسى ۋە ئەركىنلىك پارتىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىشىپ قۇرغان يېڭى ئىتتىپاق 25-ئۆكتەبىردىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغان. يېڭى ھۆكۈمەت 9-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا قارشى تۇرىمىز. بېلارۇسىيەدىن تەيۋەنگىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كىشىلەرنى قوغدايمىز» دېگەن.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى رويتېر ئاگېنتلىقىغا ئەۋەتكەن باياناتىدا «خىتاي-لىتۋانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال تەرەققىياتىنى باشقا ئامىللار قالايمىقانلاشتۇرماسلىقى كېرەك. بۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىگە زىت كېلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، لىتۋانىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردا داۋالغۇپ تۇرغان. لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن پارلامېنت باشلىقى 2013-يىلى تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت توختاپ قالغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 875 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2020 12:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق