شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى يۇقۇملانغۇچى بايقالمىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، 9-نويابىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 57 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىكەن. تۆت بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 298 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 278 بىمار قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە، قالغان 20 بىمار قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئىكەن.

10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىن 54 بىمارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، ئايرىپ كۆزىتىلىش ئورنىدىن چىقىرىلغان. رەسمىي يۇقۇملانغان 21 بىمارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، دوختۇرخانىدىن چىققان.

بۇ خەۋەر 2693 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2020 11:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق