بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولدى

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى » تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى جۇلى مىلسەپ (Julie Millsap) ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم خوتەن ئىستانبۇل زىيارىتىدە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 9-نويابىر مېھمانلار شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ۋە باشقا بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى سەفاكۆي رايونىدىكى ساماۋەر چايخانىسىدا جەم بولدى.
سۆھبەت جەريانىدا دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشلەر، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىش يوللىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 5269 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2020 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق