خىتاي ئاتالمىش «خەلق ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى خادىملار» ئارقىلىق نازارەتنى كۈچەيتمەكتە

ئاتالمىش «شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى ئاساسىي قاتلامنى 3578 نەپەر ئاتالمىش «يېزا-كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى خادىملار» ئارقىلىق قاتلاملىق نازارەت قىلغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشچە، مەزكۇر «يېزا-كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى خادىملار» شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلار بىر يىلدىن بېرى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى نازارەت قىلغان ھەمدە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلغان.

قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قورچاق ئەمەلدار ئېزىز ئابدۇرېشىتنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە قاراقاش ناھىيەسىدە «يېزا-كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى خادىملار»دىن 389ى بار ئىكەن. مەزكۇر خادىملار ھەربىر كەنتكە بىردىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «يېزا-كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى خادىملار»نى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ خەلقنى نازارەت قىلىشنى ھەرىكىتى 2018-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى ۋە قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيەلەردىكى 37 كەنتتە سىناق سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان. 2019-يىلىغا كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى باشقا ناھىيە ۋە رايونلىرىغا كېڭەيتىلگەن.

بۇ خەۋەر 2583 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2020 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق