تىرامپ سايلام نەتىجىسىگە قارىتا بىر قاتار ئەرز-شىكايەت سۇنۇشنى پىلانلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت تىرامپ سايلام نەتىجىسىگە قارىتا، بىر نەچچە كۈندە ئىچىدە كۆپلىگەن قانۇنىي ئەرز سۇنۇشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 7-نويابىر بايدېننىڭ تىرامپنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ۋە ئەڭ يېڭى بېلەت سانىغا ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما تىرامپ بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىنىڭ سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان. ئەكسىچە بايدېن ئاز پەرق بىلەن غەلىبە قىلغان بىر قانچە مۇھىم ئىشتاتلاردا بىلەت تاشلاش ۋە ساناشتا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر مۇشۇ خاتالىقلار ئۆزگەرتىلسە، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە ئۆزىنىڭ يەنە غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تىرامپنىڭ سايلام گۇرۇپپىسى ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئەرز-شىكايەت سۇنۇپ، بىر قىسىم ئىشتاتلاردىكى بېلەتنى قايتىدىن ساناشنى تەلەپ قىلغان. بىراق بۇ ئەرزلەرنىڭ كۆپىنچىسى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ياكى بىر قىسمى سوتنىڭ تەرتىپىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ئەدلىيە جەھەتتىكى ھۇجۇمىنى تېز سۈرئەتتە قايتىدىن كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ ھەپتە بىر قاتار يېڭى ئەرزلەرنى سۇنۇشنى ئويلاشقان. ئۇنىڭ سايلام گۇرۇپپىسى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئارقىلىق سوتقا بېسىم قىلىش، ئالاقىدار قانۇنىي دەۋاغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ تولۇقلاش مەقسىتىدە مەخسۇس ئىئانە پائالىيىتى باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ سايلام گۇرۇپپىسى ئىككى تۈرلۈك ئەرز-شىكايەتنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان. بۇنىڭ بىرى بىر قىسىم سايلىغۇچىلارنىڭ قازا قىلغان تۇغقانلىرىنىڭ نامىدا بېلەت تاشلىغانلىقى بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق بېلەت سانى پەقەت پېنسىلۋانىيەدىلا 21 مىڭغا يېتىدىكەن. يەنە بىرى بولسا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نۇرغۇنلىغان سايلام كۆزەتكۈچىلىرى بېلەت ساناش رايونىغا يېقىنلىشالماسلىق سەۋەبلىك، تولۇق نازارەت قىلالمىغان. تىرامپنىڭ ئادۋوكاتى يەكشەنبە كۈنى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە تىرامپنىڭ سايلام گۇرۇپپىسىنىڭ ئونغا يېقىن ئەرز-شىكايەت سۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا كەڭ كۆلەملىك سايلام ئالدامچىلىقى يوق، دەپ قارايدىكەن. قىسمەن مەسىلىلەر سوت تەرىپىدىن دەلىللەنگەن تەقدىردىمۇ، تىرامپ پېنسىلۋانىيە قاتارلىق مۇھىم ئىشتاتلاردا بايدېندىن ئېشىپ كېتەلمەيدىكەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھازىرغىچە بۇ سايلامدا مەلۇم سايلام ئالدامچىلىقى مەسىلىلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان.

بۇ خەۋەر 616 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2020 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق